Uyghur主要词典
پەرىشتە
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئاللانىڭ ئەمرىگە بىنائەن، مەخسۇس ئىشقا مۇئەككەل غەيرىي تەبىئىي مەخلۇق.
پەرىشتىنىڭ ئىشىدىن شەيتان قىزغىنىپتۇ. ناتونۇش پەرىشتىدىن تونۇش جىن ئارتۇق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىن
دىنىي چۈشەنچە بويىچە ئاللانىڭ تاپشۇرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىدىغان، جەننەت ۋە دوزاخنى باشقۇرىدىغان، قاناتلىق، غەيرىي تەبىئىي مەخلۇق؛ مالائىكە.
كۆچمە. ياخشى خۇلق - مىجەز، ئەقىل - پاراسەتكە ئىگە بولغان ۋە گۈزەللىكتە كامالەتكە يەتكەن كىشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دۇچ كەلگەن قاتتىق خاپىلىق، دەرد - ئەلەم، روھىي ئازاب تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان نالە - زار؛ يىغا.
پەرياد چەكمەك، پەرياد قىلماق.