Uyghur主要词典
پەرىشان
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
چېچىلغان، تارالغان، تەرتىپسىز:
پاراكەندە:
1. سېلى ئەشكىم لالەگۇندۇر لەئلە رەخشانىن كۆرۈپ،
خاتىرىم ئاشۇفتەدۇر زۇلفى پەرىشانىن كۆرۈپ.
ئەرشى.
2. ئويقىدا ئېركەن مەگەر زۇلفۇڭنى تاغىتتى سەبا،
كىم، بىرەر يۇمساق كۆزۈم چۈشۈم پەرىشان كۆرۈنۇر.
لۇتقى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چۇۋالچاق، تەرتىپسىز، قالايمىقان.
قۇرغۇيۇم ئۇچتى قولۇمدىن، قايدا مېھماندۇر بۈگۈن، دەخلى بەرمەڭلار يارىمغا كۆڭلى پەرىشاندۇر بۈگۈن. بىسەرەمجان بولما، سەرەمجان بول.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
سۈپ. ھەر تەرەپكە چېچىلغان، بىسەرەمجان، تەرتىپسىز.
لەيلىگۈل دۈشمەنلەرنىڭ ياردەمسىز، پەرىشان ۋەزىيىتىدىن پايدىلانماقچى بولدى.
رەۋ. پىكىر - خىيالى، دىققەت - ئېتىبارى (زېھنى) بىر نۇقتىغا مەركەزلەشمىگەن، ھەر تەرەپكە بۆلۈنگەن، چېچىلغان، يىغىنچاق ئەمەس، تارقاق.
ئەتە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇم بىلەن خوشلىشىدىغانلىقىم ئۈچۈنمكىن نېمىشقىدۇر كۆڭلۈم پەرىشان ئىدى.