Uyghur主要词典
پەنپەن دۆلىتى
دۇنيا تارىخى
مالايا يېرىم ئارىلىدىكى قەدىمكى دۆلەت. ئورنى ھازىرقى تايلاندنىڭ جەنۇبىدىكى ۋەنلۇن قولتۇقىدا بولۇپ ھىندى مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلغان، ھىندى يېزىقىنى قوللانغان. مىلادى Ⅴئەسىردىن Ⅶ ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ، جۇڭگوغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتكەن.