Uyghur主要词典
پەملىك
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئەقلى - ھوشى جايىدا، پەم - پاراسىتى بار.
ئەقىلسىز، پاراسەتسىز، پەمسىز
ئەقلى، پەم - پاراسىتى كەم ۋە ياكى يوق.
ئەقىللىق ئالدىماس ھەم ئالدانماس. پاراسەتلىككە بالا - قازا يولىماس. پاراسەتسىز پاراڭچى كېلىدۇ. ئەقىللىق ئېتىنى ماختايدۇ، ئەقىلسىز خوتۇنىنى. ئەقىلسىز بىلەن پولۇ يېگۈچە، ئەقىللىق بىلەن تاش توشۇ. ئەقىللىق ئۆزىگە ئىشىنىدۇ، ئەقىلسىز چۈشىگە. پاراسەتلىك ئۆزىنى ئەيىبلەر، پاراسەتسىز ئۆزگىنى. پەملىك ئىش پۈتتۈرەر. پەمسىز پەلەمپەيدىن يىقىلار.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پەمى بار، بىرەر ئىشتا پەم ئىشلىتەلەيدىغان، پەم - پاراسەتلىك.
ئەي ئوغۇل، ئەگەر ھاكىم، سوراقچى (ئەمەلدار) بولساڭ ياۋاش، پەملىك، ھەق - ناھەقنى ئايرىغۇچى بولغايسەن.