Uyghur←Chinese主要词典
پاروس ماياكى
دۇنيا تارىخى
法罗斯灯塔
fǎ luó sī dēng tǎ
قەدىمكى مىسىردىكى ئالېكساندرىيە ماياكى. قەدىمكى دۇنيادىكى يەتتە مۆجىزىنىڭ بىرى. تەخمىنەن مىلادىدىن 283 يىل ئىلگىرى (پتولېمىي سۇلالىسى دەۋرىدە). كېندوسلۇق سوسترات دېگەن ئادەم لايىھىلىگەن بولۇپ، ئالېكساندىريىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىر كىچىك ئارالغا ياسالغان؛ ماياك ۋە كىچىك ئارالنىڭ ھەر ئىككىسى پاروس دەپ ئاتالغان. تاشتىن ياسالغان سۈنئىي توسام ئارقىلىق شەھەر بىلەن كىچىك ئارالنى تۇتاشتۇرۇپ، ئالېكساندىريىدىكى ئىككى پورتنى شەكىللەندۈرگەن. ماياكنىڭ لايىھىلىنىشى بابىلوندىكى <مۇنارىلىق ئىبادەتخانا> غا تەقىلىد قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن، لېكىن قۇرۇلۇش كۆلىمى ئۇنىڭكىدىن چوڭ. ماياكنىڭ ئېگىزلىكى تەخمىنەن 146 مېتىر (36 قەۋەتلىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە باراۋەر كېلىدۇ) بولۇپ، ئۈچ قەۋەتتىن تەركىب تاپقان، يەنى تۆۋەنكى قىسمى چاسا شەكىللىك ئۇل، ئوتتۇرا قىسمى سەككىز قىرلىق مۇنار، ئۈستۈنكى قىسمى سىلىندىر شەكىللىك چىراغ راۋىقى بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە نۇر قايتۇرغۇچى ئەينەك ئورنىتىلغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كېچىسى 40 كىلومېتىر دائىرىنى يورۇتۇپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرگە يول كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ سودا ھەم ھەربىي جەھەتتىكى مۇھىم رولىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئالېكساندرىيە پورتىنىڭ ئېغىزى ھېسابلانغان پاروس <يۇنانلاشقان> مىسىر ئىقتىسادىنىڭ گۈللەنگەنلىكىنىڭ نامايەندىسى بولغان شۇنداقلا مىسىر ۋە شۇ رايوننىڭ يەنىمۇ روناق تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. پاروس ماياكى 1326-يىلىغىچە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان، كېيىن ئۆرۈلۈپ چۈشكەن.