Uyghur←Chinese主要词典
پاروس
دۇنيا تارىخى
巴罗斯
bā luó sī
ئېگېي دېڭىزىنىڭ جەنۇبىدىكى ئارال. گرېستىيىگە تەۋە. شەرقتە ناكسوس ئارىلى بىلەن، شىمالدا دېلوس ئارىلى بىلەن قوشنا. ئېيتىشلارغا قارىغاندا ئەڭ دەسلەپكى ئاھالىسى كرىتلار بولۇپ، كېيىن ئىيونىيىلىكلەر كۆچۈپ كېلىپ بۇ يەردە ئولتۇراقلاشقان ھەمدە تېز تەرەققىي قىلىپ زورايغان، ئۇنىڭ ئۆزىمۇ ئېگېي دېڭىزنىڭ شىماىي قىرغىقى تەرەپلەردە (مەسىلەن: تاسوس ئاراللىرى، ھېللېسپونت ئەتراپىدىكى) پارىئۇم شەھىرى مۇستەملىكىچىلىك بىلەن شۇغۇلللانغان. پېرسىيە ئىمپېرىيىسى تەرەپكە قاراپ كېڭەيمىىچىك قىلغان ۋاقىتلاردا بىر مەزگىل ئۇنىڭغا بويسۇنغان. مارفون جېڭىدىن (مىلادىدىن 490 يىل ئىلگىرى) كېيىن، ئافىنا گېنېرالى مىلتىادىس بۇ ئارالنى ئىگىلىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ مەغلۇپ بولغان. سالاى دېڭىز ئۇرۇشىدىن (مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى) كېيىن، ئاخىرى ئافىنا رەھبەرلىكىدىكى دېڭىز ئۈستى ئىتتىپاقىغا قاتناشقان. بۇ ئارالدىن مەرمەر تاش كۆپ چىققاچقا، قەدىمكى زاماندىكى ھەيكەلتىراشلارنى ئالىي سۈپەتلىك ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن؛ مەرمەر تاش دېگەن ئىسىم، مەركۇز ئارالدىكى بىر تاغ مارپېسسانىڭ نامى بىلەن ئاتالغان . بارروئوس قەدىمكى يۇنان لىرىك شائىرى ئاركىلوكوس (مىلادىدىن ئىلگىرىكىⅧ - Ⅶ ئەسىرلەر) نىڭ يۇرتى. ئارالدىكى تۇنجى شەھەرنىڭ نامىمۇ بارروئوس (غەربىي قىرغاقتا) بولۇپ، ⅩⅦ ئەسىردىكى ئارخېئولوگلار بۇ خارابىنى قېزىپ، مەرمەر تاشقا ئويۇلغان ئويما يېزىق <باروئوس يىلنامىسى> نى تاپقان. بۇنىڭدا ئەڭ قەدىمكى كېركولوف دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى ⅩⅥ ئەسىر) دىن تارتىپ، تاكى مىلادىدىن 264 يىل ئىلگىرىكى يىللاردىكى دىئوگنېتۇس ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋردىكى يۇناننىڭ ئىنتايىن مۇھىم تارىخىي ۋەقەلىرى خاتىرلەنگەن. بۇ ھازىر ئەنگلىيە ئوكسفوردتا ساقلانماقتا.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى,تارىخ
帕罗斯
pà luó sī