Uyghur主要词典
پارلامېنت پەرمانىنى بىكار قىلىش ھوقۇقى
دۇنيا تارىخى
ئامېرىكىدىكى بىر شتاتنىڭ ئۆز شتاتىدا قوشما شتاتلار پارلامېنتى ماقۇللىغان قانۇننى كۈچكە ئىگە ئەمەس دەپ جاكارلاپ ئۇنىڭ يولغا قويماسلىق ھوقۇقى. دەسلەپتە ئۇ 1798 - 1799 - يىللىرى جېففېرسون، مادىسون ۋەكىللىكىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان شتات ھوقۇقى نەزەرىيىسى ئىدى. 1832-يىلى، جەنۇبتىكى ئېكىنزارلىق ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان جەنۇبىي كارولىنا شتاتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى، شۇ چاغدىلا مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ كالخون ئۇنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە ئۇنىڭغا يېڭى مەنە قوشۇپ، ھەرقايسى شتاتلار ئۆز شتاتىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئىتىگە ئاساسەن قوشما شتات پارلامېنتىنىڭ قارارىنى ئىجرا قىلىش - قىلماسلىقنى شتات پارلامېنتى ئارقىلىق بەلگىلىسە بلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى بەكمۇ يۇقىرى بولغان قوغدىنىش چېگرا بېجى نىسبىتىگە قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت. جەنۇبىي كارولىنا شتات پارلامېنتى پارلامېنت ماقۇللىغان چېگرا بېجى قانۇنىنىڭ ئۆزىنى چۈشەپ قويالمايدىغانلىقىنى جاكارلاپ، قوشما شتات ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ شتاتتا چېگرا بېجى يىغىشنى مەنئى قىلغان ھەمدە قوشما شتات ھۆكۈمىتى ئەگەر قورال كۈچىگە مۇراجىئەت قىلسا، قوشما شتاتتىن ئايرىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەينى ۋاقىتتا زۇڭتۇڭ جېففېرسون مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، شتات ھوقۇقى نەزەرىيىسىگە رەددىيە بېرىپ، جەنۇبىي كارولىنا شتاتىنىڭ ئۇسۇلى ئاساسىي قانۇنغا خىلاپ، دەپ جاكارلىغان؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پارلامېنتقا يول كۆرسىتىپ 1833-يىلى ئىكى تۈرلۈك قانۇن ماقۇللانغان: <ئارمىيە ئىشلىتىش قانۇنى> دا زۇڭتۇڭنىڭ چېگرا بېجى قانۇنىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتكىك قىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئارمىيە ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بەرگەن؛ <باج نىسبىتىنى مۇرەسسەلەشتۈرۈش قانۇنى> دا پۈتۈن باج نىسبىتىنى تەدرىجىي تۆۋەنلىتىش بەلگىلەنگەن. جەنۇبىي كارولىنا شتات پارلامېنتى پارلامېنتنىڭ 1832-يىلىدىكى چېگرا بېجى قانۇنىغا قاراتقان مەنئى قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى جاكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پارلامېنتمۇ <ئارمىيە ئىشلىتىش قانۇنى> نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان.