Uyghur主要词典
پارلامېنت
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەر قايسى ئەللەرنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ياكى قانۇن چىقىرىش ئورگىنى.
جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى - ئەڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى. پارلامېنت بەزى دۆلەتلەرنىڭ قانۇن چىقىرىش ئورگىنى. ئالىي سوۋېت سابىق سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئورگىنى ئىدى. چوڭ خورال موڭغۇلىيىنىڭ ئالىي ھاكىمىيەت ئوگىنى.
دۇنيا تارىخى
(1) بۇ فرانسىيە (Parlement) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى. ⅩⅢ ئەسىردىن ⅩⅧ ئەسىرگىچە فرانسىيىدىكى ئالىي سوت مەھكىمىسى فرانسىيە كوۇلى لۇئى Ⅸ تەختتىكى مەزگىلىدە (1226 - 1270)، پارىژ پارالامېنتىنى تەسىس قىلغان. كېيىن خانلىققا تۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردە ئۆكىلىك پارلامېنت تەسى قىلىنىپ، بۇلا ئۆلكىنىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى بولغان. پارىژ پارلامېنتى كورۇل ئېلان قىلغان يارلىقنى تىزىملاشقا مەسئۇل بولغان (تىزىملانمىغانلىرى قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولمىغان) ھەمدە يارلىقتىكى مەزمۇنغا قارىتا ئوخشىمايدىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ھوقۇقلۇق بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ يەنە دۆلەتنىڭ ئالىي ئەرزىيەت سوت مەھكىمىسى بولغان. ⅩⅥ ئەسىردىن ⅩⅦ ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پارلامېنت فرانسىيە مۇستەبىت خانلىق ھوقۇقىنى مۇستھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1790-يىلى فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابى مەزگىلىدە ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. (2) ئىنگلىز چە (Perliament) نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى، ئەسلىدە ئەنگلىيە فېئوداللىق جەمئىيىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى تەبىقە يىغىنى بولۇپ، بۇرژۇئا ئىنقىلابىي دەۋرىدە پارلامېنتقا ئۆزگەرتىلگەن. كېيىن ئومۇمەن كاپىتالىستىك دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرىنى كۆرسىتىدىغان بولغان.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<فرانسوزچە
كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە قانۇن تۈزىدىغان ئەڭ يۇقىرى ئورگان. پارلامېنت ئادەتتە يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى پالاتادىن تۈزۈلىدۇ؛ بەزى دۆلەتلەردە بىرلا پالاتا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەزالىرى ئادەتتە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.