Uyghur主要词典
پان ئىسلام ھەرىكىتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
19 - ئەسىرنىڭ ئاخىردىن 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىغىچە پان ئىسلامىزمنى شۇئار قىلغان دىنىي ئىجتىمائىي ھەرىكەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ ھەرىكەتنى جامالىددىن ئافغانى تەشەببۇس قىلدى. 19 - ئەسىردىن بۇيان ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىكى كېڭەيمىچىلىكىنىڭ زەربىسى ئارقىسىدا، مۇسۇلمانلار دۇنياسى تەدرىجىي پارچىلاندى. ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ئچكى - تاشقى جەھەتتە قىيىن ئەھۋالدا قالدى. مىللىي كرىزىستىن قۇتۇلۇش جىددىي ئىش بولۇپ قالدى. جامالىددىن ئافغانى خارابلىشىشنىڭ مەنبەسى مىللىي بۆلۈنۈشتە، دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەت مۇسۇلمانلىرى زىچ ئىتتىپاقلاشقاندىلا، مۇنقەرز بولۇشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ، دەپ قارىدى. جامالىددىن ئافغانى 1871 - يىلىدىن 1879 - يىلىغىچە مىسىردا تۇرغاندا ئىسلام دىنىنى ئىسلاھ قىلىش، غەربنىڭ پەن - تېخنىكىسىنى ئۆگىنىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. مىللەتپەرۋەرلىكنى تەرغىب قىلىپ، غەربنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغاندى. 1878 - ياكى 1879 - يىلى ئوسمانلى سۇلتانغا يازغان مۇراجەتنامىسىدە پان ئىسلام ئىتتىپاقلىقى توغرىسىدىكى تەشەببۇسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيىدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرى بىرلىشىپ، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا جىھاد ئارقىلىق قارشى تۇرۇشنى، ئۆلىمالارنى ئەۋەتىپ، جايلاردىكى خان - بەگ، ئاقسۆڭەك، سۇلتان، خاقانلارنى تەشكىللەپ، جىھادقا رەھبەرلىك قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. سۇلتاندىن مالىيە ياردىمى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 1883 - يىلىدىن 1884 - يىلىغىچە پارىژدا مۇساپىر بولۇپ يۈرگەندە ئەنگلىيە گېزىتىدە ئەنگىلىيىنىڭ ھىندىستان، مىسىر ۋە سۇدانغا قاراتقان تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى تەنقىدلەپ ماقالە ئېلان قىلىپ، <پان ئىسلامىزم> نى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى ھەمدە ئابدۇ Ⅱ (1876 - يىلىدىن 1909 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇردى) نى قوللايدىغانلىقىنى ئاشكارە بىلدۈردى. دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنى خەلىپە ئەتراپىغا ئۇيۇشۇشقا چاقىردى. 1884 - يىلى 3 - ئايدىن 10 - ئايغىچە جامالىددىن ئافغانى بىلەن شاگىرتى مۇھەممەد ئابدۇ پارىژدا پان ئىسلامىزمچى گېزىت - <ئۇرۋە ئەل ۋۇسفا> (بۇزۇلماس مۇناسىۋەت) ناملىق گېزىت چىقاردى ھەمدە شۇ نامدا مەخپىي تەشكىلات قۇردى. گېزىت 18 سان چىقىرىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە دائىرىلىرى ترىپىدىن پېچەتلەندى. جامالىددىن ئافغانى تەشەببۇسىنى تەرغىب قىلىش ئۈچۈن، ئىران، ئافغانىستان، ھىندىستان، تۈركىيە، مەككە قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، نۇتۇق سۆزلەپ، يۇقىرى تەبىقىدىكى زاتلارغا ۋەز ئېيتتى. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا (1892 - 1897) تۈركىيە سۇلتانغا تېخىمۇ ئۈمىد باغلىدى. ئۇنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا، ھىندىستان، ھىندونېزىيە قاتارلىق جايلاردا خەلىپىنى قوللايدىغان ھەرىكەتلەر كۆتۈرۈلدى. لېكىن، پان ئىسلام ھەرىكىتى ئۆلىمالار تەبىقىسىدە چەكلىنىپ قالغانلىقى، ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئىنكار قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ھەرىكەت ئاخىر مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملاندى.