Uyghur主要词典
نىزام
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەرتىپ، ئىنتىزام، تۈزۈم:
بۇ زەمان رەۋنەقىنىڭ ھېچ ئافتايى قالمادى،
بۇزدى ئەۋۋەلقى نىزاملارنى، تەنابى قالمادى،
بىغەرەز ئىش يوق ئۈچۈن ئانىڭ سەۋايى قالمادى،
بىغەرەز ئىش يوق ئۈچۈن ئانىڭ سەۋايى قالمادى،
دىل پەراكەنەدە بولۇ پ ھېچ كاميابى قالمادى،
ئۇشبۇ ئىشلار ھەم ئەلاماتى ئېرۇر ئاخىر زەمان.
ئابدۇقادىر داموللام.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەرتىپ، قائىدە؛ نىزامنامە - تەرتىپ - قائىدىلەرنىڭ يازمىسى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دۆلەت، پارتىيە، ئارمىيىنىڭ قائىدە - يوسۇن، تەرتىپ - ئىنتىزام، ھەق - ھوقۇقلار بەلگىلەنگەن، رىئايە قىلىش شەرت بولغان قانۇنىي ھۆججەت.
ئاپتونوم رايونلۇق 7 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 - يىغىنى <نەشىنى چەكلەش نىزامى> نى ماقۇللىدى. پارتىيە ئەزالىرى پارتىيە نىزامنامىسىغا قەتئىي ئەمەل قىلىشى شەرت. يېڭى ھەربىي ئۇستاب ئېلان قىلىندى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
مەلۇم مەسىلىلەر ھەققىدىكى قائىدە - تۈزۈم، تەرتىپ.
ئوقۇغۇچىلار نىزامىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاراق ئىچىشى مەنئى قىلىنغان.
قانۇن.
بۇ مەملىكەتنىڭ نىزامىدا، پادىشاھ ئۆلسە ئورنىغا ئوغلى پادىشاھ بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەنىكەن.
ئەرلەرنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
تەرتىپ، تۈزۈم، سىستېما، ئۇسۇل، پرىنسىپ
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
تەرتىپلىك، ئىنتىزاملىق، ئەدەبلىك ئوغۇل بولسۇن ياكى مەرۋايىت دانىسىدەك قىممەتلىك، نادىر. ئەسلىسى: نىزامىددىن