Uyghur主要词典
نىرىز قوزغىلىڭى
دۇنيا تارىخى
ⅩⅨ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىكى ئىران باب مۇرىتلىرىنىڭ ئۈچىنچى قېتىملىق زور قوزغىلىڭى. ئىلگىرى - كېيىن ئىككى قېتىم بولغان. 1850-يىلى ئىيۇن زېنجان قوزغىلىڭىدىن كېيىن، نىرىزدىكى باب مۇرىتلىرى سەئىدراش دارابىنىڭ رەھبەلرىكىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلار شەھەر سىرتىدىكى بىر كونا قورغاننى ئىگىلىۋالغان ھەمدە ئۇنى بازا قىلىپ، كۈرەشنى داۋاملاشتۇرغان، لېكىن ناھايىتى تېز باستۇرۇلغان. ئۇزاق ئۆتمەيلا باب مۇرىتلىرى قايتىدىن دېھقانلارنى تەشكىللەپ، ئىكىنچى قېتىم قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. قوزغىلاڭچىلار شۇ جايدىكى تاغلىق رايوننىڭ پايدىلىق يەر تۈزۈلۈشىدىن پايدىلىنىپ، پادىشاھ ئارمىيىسى ۋە يەرلىك فېئودال بەگلەرنىڭ قوشۇنى بىلەن ئۇزاققىچە ئېلىشىپ، 1851-يىلغا كەلگەندىلا باستۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن باب مۇرىتلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىڭى ئاساسەن ئاخىرلاشقان.