Uyghur主要词典
نۇسرەت
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
غەلىبە، زەپەر:
ياردەم، مەدەت:
ئەيلەبان بىر - بىر بۇ سۆزلەرنى بەيان،
فەتھى نۇسرەتلەر بىلەن ئاتلاندى خان.
زەلىلى.
2. قويۇپ تۇفراققا يۈز، ئەيلەب تەزەررۇئ،
خۇدايىدىن قىلىپ نۇسرەت تەۋەققۇئ.
نەۋايى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
غەلىبە، زەپەر.
نۇسرەت قازانماق.
ئىش ئۇلارنىڭ ئېيتقىنىدەك بولسا نۇسرەت چوقۇم بىزنىڭ بولغۇدەك.
مەدەت، ياردەم.
تالاي شىرزادىغا نۇسرەت ئاتا قىلغان قەدىم يۇرتتا، ئۈنۈپ چىقتى شۇ كەچمىش جەڭ ئىزىدىن بەت ئېچىپ يۇلغۇن.
ئامەت، بەخت.
نۇسرەت ياغماق.
پەلەكنىڭ يالغان ۋەدىلىرىگە ئىشىنىپ، جاھالەتنىڭ ھىمايىسى بىلەن قولۇڭغا كەلگەن بىر مەزگىللىك نۇسرەتنى كۆرۈپ، كۆرۈڭلەپ كەتمە.
ئەر - ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
نىسرەت، نىسرەتخان، نىسرەتگۈل
ئۈستۈنلۈك، غەلىبە؛ ياردەم
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئەرەبچە)
غالىپ، زەپەر قۇچقۇچى ياكى مەدەتكار، ياردەمچى