Uyghur主要词典
نۇسخا
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۈلگە قىلىنغان بۇيۇم.
ئەۋرىشكىنى كۆرۈپ مال ئال. نۇسخا ھەممىدە بار. ئېكسپورت قىلىنىدىغان تاۋارنىڭ نومىناسى كۆرسىتىلدى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھۆججەت، ماقالىلارنىڭ ئەسلى يېزىلمىسى.
ھەممە ماقالىدىن كوپىيە قالدۇرۇش ناھايىتى زۆرۈر. شېئىرىڭنىڭ ئورىگنالىدىن بىر نۇسخا بەرسەڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
بىر تۈردىكى نەرسىلەردىن ئېلىنغان نەمۇنە.
مال نۇسخىسى.
بىر خىل قىلىپ ياساش، كۆچۈرۈش، بېسىش ئۈچۈن تەييارلانغان نەمۇنە، ئەندىزە.
نۇسخىغا قاراپ كىيىم پىچماق. كوررېكتور نۇسخىسى.
گۈل، نەقىش ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ تۈرى.
شۇ ماللار ئىچىدە ئاياللار ياخشى كۆرىدىغان ھەر خىل رەڭ، ھەر خىل نۇسخىدىكى نىلون چاپانلارمۇ بار ئىدى.
<بىئول> ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، مىنېرال ماددا قاتارلىقلارنىڭ ئەسلىي شەكلىنى ساقلاش، رەتلەش ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش مەقسەتلىرى ئۈچۈن ئېلىنغان ئەۋرىشكىسى، ئۈلگىسى.
ئۇلار بۇ قېتىم جەمئىي 1200 نەچچە خىل نۇسخا يىغدى. بۇنىڭ 833 خىلى ھاشارات نۇسخىسى.
باسما ياكى يازما ئەسەرنىڭ ھەر بىر دانىسى؛ پارچە.
ئىزاھلىق لۇغەت 7000 نۇسخا بېسلدى.
<مەت> ئوخشاش بىر خىل ئەسەر، كىتاب، ماقالە، ھۆججەت قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمە، تەھرىرلىك، كۆچۈرۈپ يېزىش، تۈپلەش ۋە بەت شەكىللىرىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن پەرقلىنىدىغان تۈرلىرى.
<ئاشىق - مەشۇقلار ھەسرىتى> دېگەن كىتابنىڭ ئىملا خاتالىقلىرى ناھايىتى كۆپ بولغان تاش مەتبەئە نۇسخىسىلا مېنىڭ قولۇمدا بار ئىدى.
بىرەر نەرسىنىڭ ئەسلىسىگە ئوخشىتىپ ياسالغان ياكى سىزىۋېلىنغان كۆچۈرمىسى.
توي كۈنى قىز توي كىيىمنىڭ بىر نۇسخىسىنى باغقا ئەۋەتىپتۇ.
رېتسىپ.
سۈرگە دورىلار تەركىبىگە قوشۇلىدىغان دورىلار مىقدارىنى نۇسخا يېزىش قائىدىسىگە مۇۋاپىق بەلگىلەش لازىم.