Uyghur主要词典
نىتزى
دۇنيا تارىخى
(1844 - 1900) گېرمانىيىلىك ئىدېئالىست پەيلاسوپ. 1864-يىلى بونن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ، تېنولوگىيە ۋە كلاسسىك تىلشۇنالسىقنى ئۆگەنگەن. ئۇزاق ئۆتمەي ئىلاھىيەتتىن ۋاز كېچىپ، خرىستىئان دىنىدىن ئايرىلغان. 1869 - 1879-يىللىرى بازېل ئۇنىۋېرسىتېتىدا پەلسەپە پروفېسسورى بولغان. 1879 - 1888-يىللىرى ئىتالىيە ۋە فرانسىيىلەردە تۇرۇپ، مەخسۇس پەلسەپە تەتقىقاتى ۋە يېزىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. 1888-يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ۋاپات بولغانغا قەدەر ئېغىر نېرۋا كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى شەكىللىنىۋاتقان مونوپول بۇرژۇئازىيىنىڭ ئارزۇ ۋە تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، سۇبيېكتىپ ئىدېئالىزمنى تەرغىپ قىلغان. ئوبيېكتىپ دۇنيا ۋە ئۇنىڭ قانۇنىيىتى خىيالىدىنلا ئىبارەت؛ ھالبۇكى ئاساسىي چىن نەرسە - ھوقۇق ئىرادىسى، بارلىق شەيئىلەرنىڭ مەنبەسى ئەنە شۇ، ئۇ - تەبىئەت دۇنايسى ۋە جەمئىيەتتىكى ھەل قىلغۇچ كۈچ، دېگەنلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. خرىستىئان دىنى، ئەقىلىيچىلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنى كۈنسايىن زاۋالغا يۈز تۇتۇۋاتقان غەرب مەدەنىيىتى، ئاجىزلىق ۋە بۇزۇلۇشنىڭ سىمۋولى، دەپ قارىغان، <ئۆزىنى ئۆزى مۇئەييەنلەشتۈرۈش> ۋە سۇبيېكتىپ كۈرەش روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇنى يېڭى قىممەت ئۆلچىمىنىڭ ئاساسى ئالامىتى، دەپ قارىغان. تەدرىجىي تەرەققىيات - ھوقۇق ئىرادىسىنىڭ ئۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانى، ھالبۇكى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەقسىتى ھوقۇقىنى جارى قىلدۇرۇپ، <ئۆزىنى كېڭەيتىش> دېگەننى تەشەببۇس قىلغان. <ئادەتتىن تاشقىرى كىشىلەر> پەلسەپىسىنى تەرغىپ قىلىپ، كۈچ ۋە غۇرۇر، باتۇرلۇق ۋە كۈرەش - ھەقىقىي ئادەمنىڭ بەلگىسى؛ ھوقۇقنىڭ كويىغا چچۈشكەن شەخسنىڭ ئىرادىسى ئىنسانىيەت تارىخىي تەرەققىياتىنى بەلگىلەيدۇ، دەپ قارىغان. ئادەتتىكى كىشىلەر <قۇللار>، <ھايۋانلار>، <ئادەتتىن تاشقىرى كىشىلەر> نىڭ ھوقۇق ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى قورال، دەپ قارىغان. ھوقۇق تالىشىش ۋە ئۇرۇشنى ئوھۇقتىن - ئوچۇق مەدھىيىلىگەن. <ئۇرۇش يولىدا ساخاۋەتلىك ئىشلارنى قۇربان قىلىش كېرەك> دېگەننى تەرغىپ قىلغان. ئۇنى ئەكسىيەتچىل پەلسەپىسى كېيىن فاشىستىك ئىدىيىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلانغان. ئۇنىڭ <تراگېدىيىنىڭ مەنبەسى>، <زوروئاستىر شۇنداق دەيدۇ> (قوشۇمچە ماۋزۇسى: <ئادەم ئۆزىنى قانداق قۇتقۇزىدۇ؟>، <ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ مەنزىلى>، <ئەخلاق سىستېمىسى توغرىسىدا> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.