Uyghur主要词典
نىترىتلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە
بىئولوگىيە
ئاممىياك ياكى نىترىت كىسلاتا تۇزىنى ئوكسىدلاپ ھاسىل بولغان ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ ئۆسىدىغان، خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىش تىپىدىكى باكتېرىيە ئاممىياكنى ئوكسىدلاپ نىترت كىسلاتاسىغا ئايلاندۇردىغىنى نىترولاشتۇرغۇچى باكتېرىيە دەپ ئاتىلىدۇ؛ نىترىت كىسلاتاسىنى ئوكسىدلاپ نىترات كىسلاتاسىغا ئايلاندۇردىغىنى نىتراتلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە (ياكى تار مەنىدىكى نىترىتلاشتۇرغۇچى باكتېرىيە) دەپ ئاتىلىدۇ. بۇئىككى تۈردىكى باكتېرىيىنىڭ ھەر ئىككىلىسى گرام مەنپىي خۇسۇسىيەتلىك، ئوكسىگېن خالايدىغان، بىخ سپورىسى بولمىغان تاياقچە باكتېرىيە بولۇپ، تۈرىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا ئاساسەن شەكلىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مۇتلەق كۆپ ساندىكى نىترىتلاشتۇرغۇچى باكتېرىيىلرنىڭ ھەممىسى مەخسۇس خىمىيىلىك ئېنېرگىيىدىن پايدىلىنىپ ئۆزىدىن ئوزۇقلىنىدىغان باكتېرىيە بولۇپ، نىئورگانىك ئۆستۈرگۈچتە ئۆسىدۇ. ھازىرغىچە ئارىلىقتا ئورگانىك ئۆستۈرگۈچلەردە ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتى بولمايۋاتىدۇ. ئۇلار تۇپراق، دېڭىز سۈيى ۋە تاتلىق سۇغا كەڭ تارقالغان بولۇپ، ئازوتنىڭ تەبىئەتتە ئايلىنىشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ.