Uyghur主要词典
نىسبىي
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
ئەرەبچە
باشقىلىرىغا قىياسەن ئېلىنغان ياكى ئېلىنىدىغان، بەلگىلىنىدىغان،قىياسەن، سېلىشتۇرما.
نىسبىي نەملىك. نىسبىي ئېگىزلىك. نىسبىي قوشۇمچە قىممەت.
<پەلس> بەلگىلىك شارائىت، مۇھىتقا تايىنىش ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ئۇلارغا باغلىق رەۋشتە ئۆزگىرىدىغان؛ شەرتلىك.
نىسبىي ھەقىقەت. نىسبىي چۈشەنچە.
<تىل> بەلگىلىك مۇناسىۋەت ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىپادىلەيدىغان.
نىسبىي سۈپەت.