Uyghur主要词典
نىسار ئولماق
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پىدا بولماق؛ چېچىلماق:
تېنىمدىن چىققالى يەتتە جۇدالىق جېھتىدىن جانىم،
نىسار ئولغاي ماڭا جانۇ جەھانىم بەلكى ئىمانىم.
فىراقى.
كۆزۈم گەۋھەرلەرى خالىڭغە بىر - بىردىن نىسار ئولمىش،
نىھالى قەددىڭە ھەر دەم فىدا روھى رەۋانىمدۇر.
ئەرشى.