Uyghur主要词典
نىسار ئەتمەك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پىدا قىلماق؛ چاچماق:
لۇتف ئىلە جان نىگاھ ئەتسە، نىسار ئەتكۈم بۇ جان،
چۈن نىسار ئەتسە بۇ جان جانان ئىلە قىلمىش قىران.
ئەرشى.
جان نۇقۇدىن نىسار ئەتمەي نېتەي، گەر ئەيلەسە،
شىۋەلەر بۇ شوخ شەڭ مايىل بولۇبان ھەرسارى.
ئەرشى.