Uyghur主要词典
نورمانلارنىڭ كېلىپ چىقىش تەلىماتى
领域: دۇنيا تارىخىغەرب تارىخشۇناسلىق ساھەسىدىكىلەر ئىچىدە پراۋوسلاۋىيان رۇس دۆلىتىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بىر خىل نەزەرىيە ⅩⅧ ئەسىردە روسىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان گېرمانىيىلىك تارىخشۇناس بايېر (1694 - 1738) قاتارلىقلار ئەڭ بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، مىلادى Ⅸ ئەسىردە رەسمىي شەكىللەنگەن قەدىمكى رۇس دۆلىتىنى بەرپا قىلغۇچىلار شۇ يەردىكى پراۋوسلاۋىيانلار بولماستىن، بەلكى سىرتتىن كەلگەن نورمانلار (ئۇ چاغدا رۇسلار ۋارگىيانلار يەنى سىكاندىناۋىيىلىكەر دەپ ئاتالغان)؛ <رۇس> دېگەن سۆز سىكاندىناۋىيە تىلىدىن كەلگەن، ئۇنىڭ ئاساسلىرى روسىيە يىلنامىلىرى توپلىمى <زامانىمىزدىكى ۋەقەلەر> دىكى مۇناسىۋەتلىك رىايۋەتلەر: ئىدى ۋارگىيانلارنىڭ ھەربىي باشلىقى ريۇرىك 862-يىلى نوۋەورود كىنەزى بولغان؛ كېيىن كيېۋنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرغان كيېۋ - رۇس گېرتسوگى ئولگ يۇرىكىنىڭ ئەۋلادى. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، Ⅵ ئەسىردىن تارتىپ، جەنۇبتا تۇرۇۋاتقان پراۋوسلاۋىيانلار <رۇسلار> دەپ ئاتالغان. Ⅷ ئەسىردىن Ⅸ ئەسىرگىچە، پراۋوسلاۋىيانلارنىڭ ئۇرۇقداشلىق تۈزۈمى كۈندىن - كۈنگە پارچىلانغان. نۇرغۇن قەبىلىلەر ئىتىتپاقى تەرەققىي قىلىپ مۇھاپىزەت شەھەرلىرىنى مەركەز قىلغان كىنەلىكلەرگە ئايلانغان، دىنپىر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنىدىكى كيېۋ ۋە شىمالدىكى نوۋگورود شۇ چاغدىكى بىرقەدەر چوڭ كىنەزلىك بولغان. پراۋوسلاۋىيانلار ئولتۇراقلاشقان رايوندا بالتىق دېڭىزى بىلەن قارا دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان سۇ يولى بولۇپ، ئۇ <ۋارگىيانلاردىن گرېكلارغا بارىدىغان يول> دەپ ئاتالغان. Ⅸ ئەسىرد، شىمالىي ياۋروپادىكى ھەربىي دېموكراتىك تۈزۈم باسقۇچىدا تۇرغان ۋارگىيانلاردا دائىم مۇشۇ سۇ يولىنى بويلاپ پراۋوسلاۋىيانلار كىنەزلىكلىرىگە تاجاۋۇز قىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئاز ساندىكى كىشىلەر بەزىدە مۇھاپىزەتچى ئەسكەر بولۇپ، پراۋوسلاۋىيانلار كىنەزلىكلىرىنىڭ كىنەزلىرىگە ياللانغان، ھەتتا ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. 882-يىلى، نوۋگورود گېرتسوگى ئولېگ كىيېۋ قاتارلىق كىنەزلىكلەرنى بويسۇندۇرۇپ، كيېۋنى مەركەز قىلغان، شەرقىي سلاۋىيانلارنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان كيېۋ - رۇس كىنەلزىكىنى رەسمىي شەكىللەندۈرگەن. دېمەك، نورمانلار تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشتىن بۇرۇنلا، شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدە رۇسلار ۋە قەدىمكى رۇس كىنەلزىكلىرى بولغان. بۇ ئىككى خىل سۆز ئۆزىگە خاس ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。