Uyghur主要词典
نورماندى خاندانلىقى
دۇنيا تارىخى
ئەنگلىيە خاندانلىقى (1066 - 1154). ئۇنى نورماندى كىنەزى ۋىليام (بويسۇندۇرغۇچى) قۇرغانلىقتىن شۇنداق دەپ ئاتالغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن بولغان سودا ئەۋج ئالغان، مۇنارخىيىلىك ھاكىمىيەت شەھەر ئاھالىسى ۋە چېركاۋنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە بولغان، لېكىن چوڭ فېئوداللارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرىغان. ھېنرى Ⅰ تەختتە تۇرغان مەزگىلدە، بىر قىسىم ئاقسۆڭەكلەرنىڭ توپىلىڭىنى تىنجىتقان. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ۋارىسلىق قىلغۇچى بولمىغانلىقتىن، تەخت ۋارىسى ماجىراسى كېلىپ چىققان. 1154-يىلى، ئانجولوق ھېنرى Ⅱ تەختكە چىقىش بىلەن، خاندنالىققا خاتىمە بېرىلگەن. كورۇللارنىڭ تەختتە تۇرغان يىللىرى: سىليام بويسۇندۇرغۇچى (1066 - 1087)، ۋىليام Ⅱ- (1087-1100)، ھېنرىⅠىى (1100 - 1135)، ستېپېن (1135 - 1154).