Uyghur主要词典
نومۇر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىيىم - كېچەك ۋە باشقىلارنىڭ ئۆلچىمى، ئۆلچىمىنى بىلدۈرىدىغان رەقەم.
ھازىر ئاياغلارنىڭ نومۇرى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىكەن. ئۇ 40 - رازمېرلىق بەتىنكە ئىزدەپ تاپالماپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<لاتىنچە
شەيئىلەرنىڭ رەت - تەرتىپىنى بىلدۈرگۈچى رەقەم.
ئۆينىڭ نومۇرى. بىنا نومۇرى.
مەلۇم مەھسۇلاتنىڭ خاراكتېرىنى (كۆپىنچە فىزىكىلىق خاراكتېرىنى) ئىپادىلەيدىغان سان - سېپىر. مەسىلەن، سېمونتنىڭ بېسىمغا بولغان قارشىلىق كۈچى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئادەتتە ئۇ 200، 300، 400، 500، 600 قاتارلىق نومۇرلار ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان تىپلارغا ئايرىلغان.
بىرەر ئىش يەنى ئىمتىھان، ئەمگەك قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسىگە بېرىلگەن سانلىق باھا.
ئابلىكىم ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈپ نومۇرلارنى قايتا قويۇپ چىققان بولسىمۇ، دەرھال يەنە ئوسمانجانغا بەردى.
دوختۇرخانىلاردا، كېسەل كۆرسەتكۈچىلەرنىڭ رەت - تەرتىپىنى بەلگىلەش ھەم تەكشۈرۈشكە قولايلىق يارىتىپ بېرىش مەقسىتىدە ئالدىن تارقتىلىدىغان رەقەملىك بېلەتچە.
نومۇر ئالماق.
كىيىم - كېچەك، ئاياغ كىيىمى ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىنى، ئۆلچىمىنى بىلدۈرگۈچى سان، رازمېر.
مەن ئۇنىڭدىن ئىككى نومۇر چوڭ ئاياغ كىيىمەن.
كونسېرت، تىياتىر ياكى رادىئو، تېلېۋىزىيەلەردە بېرىلىدىغان ھەربىر كونكرېت مەزمۇن؛ پروگرامما.
تېلېۋىزىيە نومۇرى. نومۇر تەييارلىماق.
ئۇلار ئوينىغان نومۇرلار خېلى جايىدا.