Uyghur主要词典
نوموگرافىيە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە<گرېكچە
ماتېماتىكا
ئالاھىدە ئىشلەنگەن سىزىقچىلار ئارقىلىق ھېسابلاشنىڭ بىر خىل ئۇسۇلى. قۇرۇلۇش تېخنىكىسىدىكى ھېسابلاشلاردا، ئادەتتە ئەمەل بېجىرىلىدىغان تەڭلىمە ياكى تەجرىبىنىڭ نەتىجىلىرى شكالىلىق بىر قانچە سىزىقچىدىن تۈزۈلگەن گرافىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ. ئەمەل بېجىرگەندە، بېرىلگەن شەرتلەرگە ئاساسەن، بۇ نۇقتا مەلۇم بىر سىزىقچىنىڭ نۇقتىسىدىن باشلاپ بىر ياكى بىرقانچە قېتىم باشقا سىزىقچىلاردىكى نۇقتىلار بىلەن تۇتاشتۇرۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاۋاب تېپىلىدۇ.