Uyghur主要词典
نەزىرە
ئەدەبىيات ئاتالغۇلىرى
ئۆتكەن، ياكى زامانداش شائىرنىڭ ئەسىرىگە ئوخشىتىپ يېزىلغان ياكى جاۋاب تەرىقىسىدەئىجاد قىلىنغان يېڭى شېئىر. نەزىرە _ شەرق خەلقلىرى ئەدەبىياتىدا ئۇزاق ئەنئەنىگە ئىگە. بۇ شەكىلدە تىل سەنئەتكارىنىڭ ئىجادىيەت ئىستېداتى روشەن بولىدۇ، ناۋايىنىڭ «خەمسە» سى مۇشۇنداق ئىجادىيەتنىڭ بۈيۈك نەمۇنىسى ئىدى.
«نەشىرە» گە يېڭى زامان خەنزۇ شېئىرىيىتىدىن بىر مىسال كەلتۈرەيلى؛
ئۆتتى تاڭ ۋەسلىنى كۆرمەي بۇ ئىلىم تۈن ئىلكىدە،
جىن ۋە شەيتانلار ئەسىرلەپ ئۆتتى ئىشرەت بەزمىدە.
باش قوشۇپ بەش يى خەلق جەم بولمىغان بىر مەركىدە.
(ماۋ زېدۇڭ)
جۇڭگونىڭ ئاتاقلق جامائەت ئەربابى ۋە شائىرى ليۇ يازى ئەپەندىگە قىلنغان بۇ نەزىرە يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ قەلىمى ئاستىدا يېڭى مەزمۇنغا ئىگە بولغان.
نەزىرە تەقلىدچىلىك ئەمەس. تەقىلدچىلىك ئەدەبىيات ھادىسىلىرى جەريانىدىكى سەلبىي ھادىسىدۇر. تەقلىدچىلىك فېئودال ساراي ئەدەبىياتى چۈشۈرۈلگەن دەۋردە ئەۋج ئالغان دورامچىلىق ھادىسىسى ئىدى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوخشاش، ئوخشىتىش. تەڭ قىلىش؛ شېئىرلاردا قاپىيە، مىسرالارنىڭ تەرتىپى، ۋەزنىلەرنى تەقلىت قىلماق؛ بىر نەرسىگە ئوخشىتىش ئۈچۈن ياسالغان نەرسە؛ بى نەزىر - مىسلىسىز، تەڭسىز.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
<ئەد> ئىلگىرى ئۆتكەن ياكى زامانداش شائىرنىڭ ئەسىرىگە ئوخشىتىپ يېزىلغان ياكى جاۋاب تەرىقىسىدە ئىجاد قىلىنغان يېڭى شېئىر.
ئاياللارنىڭ ئىسمى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
نەزىرىگۈل، نەزىرىخان
يېڭى، كۆركەم، ياخشى؛ <نەزىر>؛ سوۋغات، شەپقەت، تەقدىم قىلىنغان نەرسە