Uyghur主要词典
نەزىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئوخشاش، تەڭ:
سەلتەنەت مەيدانى ئىچرە نامدار،
ئەدل بىرلەن يې نەزىرى روزگار.
زەلىلى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
خەلقنى توغرا يولغا كۆندۈرۈش ئۈچۈن قورقۇتۇپ سۆزلىگۈچى، قورقۇتقۇچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
<نەزىرە> گە قاراڭ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
دىن
ساۋاب تېپىش ئۈچۈن خۇدا يولىدا بېرىلگەن نەرسە.
نەزىرگە قوي سويماق.
ئۆلگۈچىنىڭ روھىغا ئاتاپ ياغ پۇرىتىپ، جامائەتنىڭ ئالدىغا ئاش - تائام كەلتۈرۈپ خەتمىقۇرئان قىلىش پائالىيىتى.
ئاكامنىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئاتا - ئانام يىغلاپ - قاقشاپ ئۇنىڭ نەزىرىنى بەردى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
يېڭى، كۆركەم، ياخشى؛ ئالتۇن؛ ئىسپاتلىغۇچى؛ ئاگاھلاندۇرغۇچى؛ بىرئاز؛ ئوخشاش دەرىجىلىك، ئوخشاش، تەڭداش، باراۋەر