Uyghur主要词典
نەقىشبەندىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسەۋۋۇپچى ئۈچ پىرقىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ پىرقىنى ⅣⅩ ئەسىردە مۇھەممەد ئىبنى بەھاۋىددىن بۇخارى (1314 - 1389) بۇخارا قۇرغان. بۇ پىرقىنىڭ ئادەملىرى دىنىي مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە ئايەتنى ئىچىدە ئوقۇيدۇ ھەمدە مەيدىسىگە ۋە بارماقلىرىغا سىزىق سىزىپ، بىمەنە خىياللاردىن نېرى بولۇپ، دىلنىڭ پاك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا بەھاۋىددىن <نەقىشبەندى> (نەققاش - رەسسام) دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بەھاۋىدىن ياش ۋاقتىدا بۇخارادا ھەدىس، دىنىي ئەھكام ئوقۇدى. كېيىن سوپىلارنىڭ پىرى بابا سەممامىسى ۋە سەييىد ئەمىر كۇلالىنى ئۇستاز تۇتۇپ ئەنئەنىۋى تەسەۋۋۇپ تەلىمى ئالدى زىكرى جەھرى قىلىشتا تەربىيىلىنىپ، سوپى ئۆلىماسى بولدى. ئوستازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇستازنىڭ ئەقىدىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆز ئالدىغا شاگىرت تەربىيلىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەشھۇر سوپى يۇسۇف ھەمەدانى (؟ - 1140) ۋە خالىق غوجدەۋانى (؟ 1220) لارنىڭ خۇتبە ئوقۇش ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلدى. بەھاۋىددىن سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسىدە چىڭ تۇرۇپ، شەرىئەتكە ئەمەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئاللا مۇتلەق بىر، تەنھا مەۋجۇتتۇر. ئالەمدىكى مەۋجۇداتلارنى ئاللا ياراتقان دەپ قارىدى. بۇ ئالەملىكنى تەشەببۇس قىلدى. سوپىلارنىڭ تەركىيدۇنيالىقى ۋە دەرۋىشلىكىنى قوللىمىدى. سوپىلارنىڭ ئاللانى تونۇش ۋە ئاللاغا يېقىنلىشىش يولى شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن دىنىي پەرزلەرنى ئادا قىلىپ، دىلنى پاكلاشتۇرۇش، دىلدا ياراتقۇچى (ئاللاھ) بىلەن ئالاقىلىشىش، كۆرۈنۈشتە يارىتىلغۇچىلار (تەبىئەت ۋە جەمئىيەت تۇرمۇشى) بىلەن ئالاقىلىشىش ئارقىلىق، ئىككى دۇنيانىڭ بەختىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت بولۇشى كېرەك، دەپ قارىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن بەھاۋىددىن ئىستىقامەتنىڭ تۆۋەندىكى تۆت ئاساسىي پرىنسىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى: (1) جامائەت بىلەن بىللە ئىستىقامەت قىلىش كېرەك. يەنى زاھىدلار يالغۇز بولۇۋالماي، جامائەت ئىچىدە بولۇشى، كىشىلەر بىلەن كەڭ ئالاقە قىلىشى، بىر - بىرىگە مەنپەئەت يەتكۈزۈشى، جەمئىيەتكە ساۋابلىق ئىشلارنى قىلىشى، زاھىدلار ئۆز ئارا مۇئامىلە قىلىپ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا نۇرغۇن ساۋاب تاپىدۇ. (2) جاھان كېزىش كېرەك. يەنى زاھىدلار جايلارنى كېزىپ، رېئال دۇنيا بىلەن كەڭ ئۇچرىشىشى، ئاللانىڭ دۇنيانى ياراتقان چىۋەرلىكىنى تونۇپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى، ئاللانىڭ ئىلتىپاتىنى چۈشىنىپ، ئاللانى تونۇشى لازىم. (3) ئېھتىيات بىلەن ئىش قىلىشى لازىم يەنى زاھىد ھەر بىر سۆز - ھەرىكىتىنى پىششىق ئويلىنىشى، ئاللانىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇشى، دېگىنىنى قىلىشى، قىلغىنىدىن ئۈنۈم ئېلىشى، ياخشى - ياماننى ئايرىشى، خامۇش يۈرمەسلىكى لازىم. (4) زاماندىن ھوزۇر ئېلىش لازىم. زاھىدلار ھەم بۇ دۇنيانىڭ ئەيش - ئىشرىتىگە ۋە ماددىي پاراغىتىگە بېرىلىپ كەتمەسلىكى، ھەم بۇ دۇنيادا ھالال ئەمگىكىدىن ئىگە بولغان بايلىقى ۋە شادىلىقىدىن بەھرىمەن بولۇشى لازىم. ئاللا تەبىئەت دۇنياسىنى كىشىلەرنىڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن ياراتتى. ئەگەر تەركىيدۇنيا بولۇپ يۈرسە، ئاللانىڭ ئىنسانغا ئاتا قىلغان ئىلتىپاتىغا كۇپۇرلۇق قىلغانلىق بولىدۇ. بەھاۋىددىن ھايات ۋاقتىدا بۇخارادىكى زاۋىيەنى مەركەز قىلىپ، نۇرغۇن شاگىرت يېتىشتۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى مۇسۇلمانلار ئىچىدە ناھايىتى چوڭ تەسىر پەيدا قىلدى. بەھاۋىددىن 1389 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرى نەقشبەندىيە پىرقىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئەقىدىسىنى ۋە ئىستىقامەت ئۇسۇلىنى كەڭ تارقاتتى. سەمەرقەنت، بەلخ قاتارلىق جايلاردا زاۋىيە سالدى. ئۈچىنچى ئەۋلاد شەيخ ئەھرار (1404 - 1490) دەۋرىدە بۇ پىرقە ئوتتۇرا ئاسىيادا ھۆكۈمران ئورۇنغا ئىگە بولۇپ، تۆمۈرىيلەر سۇلالىسىنىڭ سۇلتانى ھۈسەين بەھرام ۋە ئۆز بېك خانى شەيبانىخاننىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتى. سۇلالىلاردا سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئەقىدىسى ۋە فىقھەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىدى. 1516 - يىلى ئەھمەد كاسانى (1461 - 1542) بۇ پىرقىنىڭ بەشىنچى ئەۋلاد شەيخى بولغاندىن كېيىن، مەھدۇم ئەزەم ئاتىلىپ، تەركىيدۇنيا بولىدىغان زاھىدلىققا قارشى تۇردى. سوپىلار زاۋىيەدە ئىستىقامەت قىلغاندىن باشقا، پىرقە ئىستىقامىتى قىلىش ۋە تەسەۋۋۇپ ئەقىدىسىنى تارقىتىش ئۈچۈن، باشقا جايلارغا بارسىمۇ بولىدۇ، دەپ قارىدى. پىرقە ئىستىقامىتىدە ئۇ ئەنئەنىۋى خۇتبە شەكلىنى ساقلاپ قالدى ھەم مۇرىدلارنىڭ جەھرى بىلەن زىكرى سېلىشىغا ۋە مۇزىكا تەڭكەش قىلىنغان ساما سېلىشىغا يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ پىرقە ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئومۇميۈزلۈك ھۆرمەتلەندى. 1542 - يىلى ئەھمەد كاسانى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئوغلى رەھبەرلىك قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، شۆبە پىرقىلەرنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەبچى بولدى.
نەقشبەندىيەنىڭ مۇرىدلىرى دەسلەپكى چاغلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركلەرنى ئاساس قىلدى. ⅩⅤ ئەسىردە ئوسمانلى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئاناتولوگىيە كىرىپ، سۇلتاننىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولۇپ، شۆبە زاۋىيەلەرنى قۇردى. ⅩⅥ ئەسىرنىڭ باشلىرى ئەھمەد كاسانىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدىن ئۈچ شۆبە پىرقە شىنجاڭغا كىرىپ، تارىختا <قەشقەر خوجىلىرى جەمەتى> دەپ ئاتالدى. بۇلاردىن ئىسھاقىيە ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇپ، ئىشانلىق بولۇپ شەكىللەندى. ⅩⅧ ئەسىردە شىنجاڭدىكى ئىشانلاردىن ئىناقىيە، دەۋانىيە، ئىشقىيە، ئىسھاقىيەدىن ئىبارەت تۆت سۈلۈك شەكىللىنىپ، كېيىن ئاق تاغلىقلار، قارا تاغلىقلارغا بۆلۈنۈپ كەتتى. ⅩⅥ ئەسىردە شەيخ ھەۋاقا باقى قىبراق بۇ دىنىي پىرقىنىڭ ئەقىدىسىنى ھىندىستانغا تارقىتىپ، ھىندىستاندىكى ئاقسۆڭەك مۇسۇلمانلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىگە بولدى. ئۇنىڭ شاگرىتى ئەھمەد سىرھىندى (1563 - 1624) بۇ پىرقىنىڭ ئەقىدىسى بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ فىقھەسىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى ئېتىقادتىكى <ئىككىنچى مىڭ يىللىق مۇجەددىد> بولدى. ئۇنىڭ ئىجازەسىگە سىرھىندىنىڭ ساۋاقدىشى تاجىددىن بىننى زەقارىيە (؟ - 1640) نەقىشبەندىيەنىڭ شۆبە تەشكىلىنى قۇرۇپ، مەككە، يەمەن ۋە مىسىرلارغا تارقاتتى ھەمدە زاۋىيەلەرنى قۇردى. ⅩⅧ ئەسىردە ئىشان قارى سىرھىندىيەنىڭ تەلىماتىنى ھىندىستاندىن شىنجاڭغا ئېلىپ كىرىپ، ئاقسۇدا ئايىنكۆل خانىقاسىنى قۇردى. كېيىن جۇڭگونىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىگە تارقىلىپ، خۇفىيە، قادىرىيە، جەھرىيەلەرنىڭ شەكىللىنىشىگە مۇئەييەن تەسىر كۆرسەتتى. سىرھىندى جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى تەرىپىدىن <ئىمام رەببانى> (ۋەھىي كەلگەن شەيخ) دەپ ھۆرمەتلەندى.