Uyghur主要词典
نەقىل
مەنىداش سۆزلۈكلەر
نوپۇزلۇق شەخسنىڭ ئېيتقان گېپى ياكى يازغان ئەسىرىدىن ئۆز قارىشىنى تەستىقلەش ئۈچۈن كەلتۈرگەن سۆز.
ئالۋاستىمۇ ئىنجىلدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئۆزىنى ئاقلىيالايدۇ. ستاتا بېزەك ئەمەس، ھەقىقىي دەلىل بولسۇن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
خەلق تەرىپىدىن توقۇلغان ۋە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قېلىپ كېلىۋاتقان ئاغزاكى رىۋايەت ياكى بىرەر كىشى، نەرسە ياكى ئۇنىڭ تارىخى ھەققىدىكى گەپ - سۆز، ھېكايە.
زامانە ئاۋۋالدا ئۆتكەنىكەن بېخىل، بېخىللىق قىلمىشى تىللاردا نەقىل.
خەلق تەرىپىدىن يارىتىلغان ھېكمەتلىك سۆز؛ ماقال.
شۇندىن بۇيان <يولۋاسنى يەڭگەن باتۇر ئەمەس، ئاچچىقنى يەڭگەن باتۇر> دېگەن بۇ نەقىل ھېكمەتلىك سۆز بولۇپ، تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئاپتۇ.
بىرەر ئەسەر، تېكىست قاتارلىقلاردىن ئەينەن، سۆزمۇسۆز كۆچۈرۈپ ئېلىنغان پارچە ياكى گەپ - سۆز؛
نەقىل ئالماق. نەقىل كەلتۈرمەك.