Uyghur主要词典
نەپەسلىنىش شاخچىسى
بىئولوگىيە
<سۇ ئۆپكىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تىكەن تېرىلىك ھايۋانلار تىپىدىكى ترېپانگىلارغا خاس بولغان نەپەسلىنىش ئورگىنى. ھەزىم قىلىش يولىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىدىكى چىقىرىۋېتىش بوشلۇقى دىۋارىنىڭ تەن بوشلۇقىغا قاراپ بۆرتۈپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن، ئىككىگە شاخلانغان سوقۇر نەيچە بولۇپ، ھەر بىر نەيچە يەنە تەكرار شاخلىنىپ دەرەخ شېخىسىمان شەكىلنى ھاسىل قىلغاچقا شۇنداق ئاتالغان. نەپەسلىنىش ساخچىسىنىڭ ئاخىرقى ئۈچ تارماق شاخچىلىرىنىڭ دىۋارى ئىنتايىن نېپىز بولۇپ، سول تەرەپتىكى نەپەسلىنىش شاخچىسىنىڭ سىرتىغا قان تومۇرلار تارقالغان. دېڭىز سۈيى ئانۇستىن چىقىرىۋېتىش بوشلۇقىغا كىرىدۇ، چىقىرىۋېتىش بوشلۇقى قىسقارغاندا دېڭىز سۈيى نەپەسلىنىش شاخچىسىغا قىسىپ كىرگۈزۈلۈپ، نېپىز نەيچە دىۋارى ئارقىلىق بەدەن ئىچى بىلەن گاز ئالماشتۇرىدۇ. ئوكسېگىن گازى مۇشۇ قىسىم ئارقىلىق قان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېلىپ يۈرۈشى بىلەن باشقا ئورگانلارغا يەتكۈزۈلىدۇ، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى مۇشۇ يول ئارقىلىق دېڭىز سۈيى بىلەن بىللە نەپەسلىنىش شاخچىسىدىن چىقىرىۋېتىلىپ ئاخىرىدا بەدەن سىرتىغا چىقىرىپ تاشلىنىدۇ. نەپەسلىنىش شاخچىسىدا يەنە چىقىرىۋېتىش فۇنكسىيىسىمۇ بولىدۇ، تەن بوشلۇق سۇيۇقلۇقىدىكى ئۆزگىرىشچان ھۈجەيرىلەر مېتابولىزمدىن چىققان كېرەكسىز ماددىلارنى يىغىۋالغاندىن كېيىن، نەپەسلىنىش شاخچىسىنىڭ نەيچە دىۋارىدىن ئۆتۈپ نەيچە بوشلۇقىغا كىرىدۇ - دە، سۇ ئېقىمىغا ئەگىشىپ چىقىرىۋېتىش بوشلۇقىغا بېرىپ ئانۇس ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ.