Uyghur主要词典
نەپەس
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
= نەفەس:
ئوت سالىپ كۆزدىن نەپەس تىرگۈزگەلى لەبدىن سورار،
ئۆرتەگەچ جانلار بالاسى ياكى جانانمۇ دەيىن.
ئەرشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
ئۆپكىدىن چىققان ۋە ئۆپكە سىرتتىن قوبۇل قىلغان ھاۋا دەم، تىنىق.
نەپەس ئالماق. نەپىسى توختىماق.
بوۋاق باشقا بىر ئانىنىڭ ئاپئاق سۈتىنى ئېمىپ، يېنىك نەپەس ئېلىپ ياتاتتى.
<بىر> سۆزى بىلەن بىرىكىپ كېلىپ <قىسقىغىنا، سەل ئازراق> دېگەن مەنىنى ئاڭلىتىدۇ.
بىر نەپەس كۈتۈپ تۇرۇڭ.
تۇتمىغىن ئۆزۈڭنى ئۆزگىلەردىن پەس، ۋە لېكىن ماختانما ھەتتا بىر نەپەس.
<ھەر> سۆزى بىلەن بىرىكىپ كېلىپ <دائىم، قېتىم> دېگەن مەنىلەرنى ئاڭلىتىدۇ.
گۈل سۈپەت ھۆسنۈڭگە باقسام ھەر نەپەس، زوق - ھاياجان ئىچرە خەندان ئۇرار بۇ يۈرەك.