Uyghur主要词典
نەجمىددىن كۈبرە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1145 - 1221) ئىسلام دىنىدىكى تەسەۋۋۇپچى كوبرەۋىيەنى قۇرغان ئادەم. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھىۋادا (ھازىرقى ئۆزبىكىستان چېگرىسى ئىچىدە) دۇنياغا كەلگەن. ئەسلىي ئىسمى ئبۇ جەننەب ئەھمەد. لەقىمى تەممەت كۇبرا. ياش چاغلىرىدا جايلارغا بېرىپ ھەدىس ئۆگەندى. پرسىيە، مىسىر قاتارلىق جايلاردا مەشھۇر ئۇستازلاردىن سوپىزم توغرىسىدا تەلىم ئالدى. 1185 - يىلى يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ زاۋىيە قۇرۇپ، شاگىرت قوبۇل قىلدى. سوپىزمغا دائىر نۇرغۇن ئەسەرلەرنى يازدى. بۇ ئەسەرلىرىنىڭ ئىچىدىكى <فەۋەئىھ ئەل جامال ۋە فەۋەتىھ ئەل جالال> كۇبرەۋىيەنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسى قىلىندى. ئۇ يازغان <ئىستىقامەت قائىدىلىرى> يېڭى ئەزالارنىڭ قوللانمىسى قىلىندى. موڭغۇللار تاجاۋۇز قىلىپ كەلگەندە ئۆلتۈرۈۋېتىلدى. ئۇنىڭ قەبرىسى ئۇزگېندە (ھازىرقى ئۆزبىكىستاننىڭ چېگرىسى ئىچىدە).