Uyghur主要词典
نەجدىيە
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
خاۋارىجلارنىڭ تارماقلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھەرۇرىيەمۇ دېيىلىدۇ. بۇ خاۋارىجلار ئىچىدىكى بىر قەدەر كەڭ قورساق مەھەپ ھېسابلىنىدۇ. نەجد بىننى ئەمىر ھەرۇرۇ ھەنەف (؟ - 692) بۇ مەزھەپكە باشلىق بولغان. رەھبەرلىك ئەزالىرى مەككىدىكى ئىبنى زۇبەير (؟ - 692) نىڭ ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسىگە قارشى كۈرەشنى قوللىدى. 985 - يىلى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى يېما رايونىدا ھاكىمىيەت قۇرۇپ، نەجدنى خەلىپىلىككە سايلىدى. بەھرەيىن، ئومان، يەمەننى ۋە ھەزرەمەۋتنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىنى كونترول قىلىپ، ئۇمەۋىيە سۇلالىسى بىلەن قارشىلاشتى. بۇ مەزھەپ ئاللانىڭ بىرلىكىگە ۋە <قۇرئان كەرىم> گە ئىشىنىدۇ، خاۋارىجلارنىڭ ئەقىدىسىگە ئەمەل قىلمىغانلارنى مۇناپىق دەپ قارايدۇ. باشقا مەزھەپلەرنىڭ رايونلىرىدا ئولتۇرىدىغان خاۋارىجلار ئەزالىرىنىڭ <نەقىيە> پرىنسىپىنى يولغا قويۇشىغا رۇخسەت قىلىدۇ؛ گۇناھى كەبىر سادىر قىلغانلار دوزاخقا چۈشۈشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. لېكىن، گۇناھ سادىر قىلىپ، تۈزەتمەيدىغانلار بىلەن بىلمەسلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغانلارنى پەرقلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بەزى گۇناھى كەبىرلەرنى، مەسلەن، زىنا قىلىش، ئوغرىلىق، ھاراق ئىچىش قاتارلىق گۇناھلارنى سادىر قىلغان ھەمدە تۈزىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەرگە كەڭچىلىك قىلىشقا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ مەزھەپ مۇسۇلمانلارنىڭ سەمىمىي بولۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. يالغانچىلارنى مۇشرىكلار قاتارىدا ھېسابلايدۇ. <يالغانچىلىقنىڭ گۇناھى زىنا قىلىش، ھاراق ئىچىش گۇناھىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ>، يالغانچىلىق كىشىلەرنى ئىماندىن يۈز ئۆرۈشكە ۋە يامانلىق قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ، دەپ قارايدۇ. 682 - يىلى نەجد ئىچكى نىزادا ئۆلتۈرۈۋېلىپ، بۇ مەزھەپ كىچىك تارماقلارغا بۆلۈنۈپ، جايلاردا پائالىيەت قىلدى. Ⅷ ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۇمەۋىيە سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلدى.