Chinese→Uyghur主要词典
内田银藏
دۇنيا تارىخى
ئۈچىداگىنزو
(1872 - 1919) ياپونىيىلىك ئىقتىسادىي تارىخشۇناس. 1896 - يىل ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ياپون تارىخى فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1899 - يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ لېكتورى بولغان. 1902 - يىلى ئەدەبىيات دوكتورى بولغان. 1903 - يىل ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بېرىپ ئوقۇغان. 1906 - يىلى دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كىيوتو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا پروفېسسور بولغان. ھارا كاتسۇرو (1871 - 1824) قاتارلىقلار بىلەن بىللە، مۇشۇ مەكتەپنىڭ تارىخ پەنلىرى كەسپىنى تەسىس قىلىشنى پىلانلىغان. 1918 - 1919 - يىللىرى ياۋروپا، ئامېرىكا دۆلەتلىرىگە تەكشۈرۈشكە بېرىپ، قايتىپ كېلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، كېسەل بىلەن قازا قىلغان. ياپونىيە يېقىنقى زامان ئىقتىسادىي تارىخشۇناسلىقىغا يول ئاچقۇچى ۋە ئاساس سالغۇچى دېگەن نامى بار. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <ياپونىيە ئىقتىسادىي تارىخىي تەتقىقاتى>، <ياپونىيە ئىقتىسادىي تارىخىدىن ئومۇمىي مەلۇمات>، <ياپونىيە يېقىنقى زامان تارىخى>، <يېقىنقى زاماندىكى ياپونىيە> قاتارلىقلار بار. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن بەش توملۇق <ئۇچىدا گىنزو ئەسەرلىرى توپلىمى> نەشر قىلىنغان.