Chinese→Uyghur主要词典
内田良平
دۇنيا تارىخى
ئۇچىدا ريوخېي
(1874 - 1937) ياپونىيە ئوڭقانات ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى. گېن يوشا جەمئىيىتىنىڭ مۆتىۋىرى - ئۇچىدا ريوگورونىڭ ئوغلى. 1894 - يىلى چاۋشيەنگە كېلىپ تاجاۋۇزچىلىق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1901 ـ يىلى توياما مىستسۇرۇ قاتارلىقلار بىلەن قارا ئەجدىھا جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىققان. 1903 - يىلى روسىيىگە قارشى يولداشلار ئۇيۇشمىسىغا قاتنىشىپ، روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. ياپونىيە - روسىيە ئۇرۇشىدىن كېيىن، چاۋشيەن باش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ھاۋالە قىلىش بىلەن، چاۋشيەننى يۇتۇۋېلىشنى پىلانلاشقا تەيىنلىگەن. مېيجىنىڭ كېيىنكى يىللىرىدىن باشلاپ ھۆكۈمەتنىڭ مەخپىي بۇيرۇقى بىلەن، جۇڭگوغا يوشۇرۇن كىرىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ، <مانجۇرىيە - موڭغۇلىيە مەسىلىسى> نى ھەل قىلىشنى تەرغىپ قىلغان. 1925 - يىلى كاتوكومىينى يوشۇرۇن ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، ئەمەلگە ئاشۇرالماي، تۈرمىگە تاشلانغان. 1931 - يىلى بۈيۈك ياپونىيە ئىشلەپچىقىرىش پارتىيىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ لېدىرى بولغان. 1934 - يىلى شوۋا مۇقەددەس جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى بولغان. ئۆمۈربويى ئىنتايىن ئوڭ پائالىيەتلەر بىلەن شۇغوللانغان.