Uyghur主要词典
نازكا مەدەنىيىتى
دۇنيا تارىخى
پېرۇنىڭ قەدىمكى مەدەنىي <كلاسسىك دەۋرى> دىكى بىر خىل مەدەنىيەت. پېرۇنىڭ جەنۇبىي <كلاسسىك دەۋرى> دىكى بىر خىل مەدەنىيەت. پېرۇنىڭ جەنۇبيي قىسمىدىكى دېڭىز بويلىرى رايونىغا تارقالغان بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅲ ئەسىردىن مىلادىنىڭ ئالدى - كەينىگىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. ئىكا ئۆلكىسىنىڭ نازكا بازىرىدىكىسى ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بولغاچقا، شۇندا دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلىرى يوق. ساپال قاچىلىرى رەڭگى كۆركەم، گۈللۈك بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. ساپال قاچىلىرى سۇس قىزىل ياكى قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك بولۇپ، قىزىل، سېرىق، قوڭۇر، كۈل رەڭ، سۆسۈن، قارا، ئاق قاتارلىق يەتتە خىل رەڭدە زىننەتلەنگەن. بەزىلىرى چۆرىسى قارا رەڭ بىلەن سىزىلىپ، ئوتتۇرىسىغا ھەر خىل رەڭ بېرىلگەن. نەقىشلەشتۈرۈلگەن قۇش، ھايۋانات، ئوت - چۆپ، دەل - دەرەخ ۋە دىنىي خاراكتېرىدىكى ئاجايىپ - غارايىپ نەرسىلەر سىزىلغان. دائىم ئۇچراتقىلى بولىدىغان جابدۇقلاردىن يالپاڭ چىنە ۋە چەينەك قاتارلىقلار بار. توقۇلما بۇيۇملىرى ئىنتايىن نەپىس بولۇپ، كۆپىنچە قەبرىلەردىن تېپىلغان، موميانى ئوراشقا ئىشلىتىلگەن. ئالتۇندىن سوقۇلغان زىننەت بۇيۇملىرىمۇ بار. نازكا رايونىدا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 60 كىلومېتىر، كەڭلىكى تەخمىنەن ئىككى كىلومېتىركېلىدىغان شېغىل تاشلىق تۈزلەڭلىك بار. ئاسمان بوشلۇقىدىن تۆۋەنگە قارايدىغان بولسا، غايەت زور نۇرغۇن سۈرەت نۇسخىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ بەزىلىرى تۆت چاسا شەكىللىك، پەلەمپەي شەكىللىك، ئۇچبۇلۇڭ شەكىللىك ياكى پاراللېل تۈز سىزىقلىق، بەزىلىرى پورما شەكىللىك، دولقۇن شەكىللىك، گايىدا ھايۋاناتلارنىڭ سۈرەت نۇسخىلىرىنىمۇ ئۇچراتىقىلى بولىدۇ. بۇلار ئىنتايىن كۆركەم بولۇپ، نازكا سۈرەتلىرى دەپ ئاتالغان. نېمىگە ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.