Uyghur主要词典
ناز قىزغا يارىشار غاز كۆلگە يارىشار
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
بۇ، ئەركىلەش، جىلۋىسىنى ئوينىتىش قىزلارغا مۇناسىپ كېلىدىغان خۇلق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ: ئۇ ياپياش تۇرۇپلا ئالتە ئەرنى يولغا سېلىپ بولدى. ئۇ «ناز قىزغا يارىشار، غاز كۆلگە يارىشار» دېگەننى ئوبدان بىلىۋالغان بولۇپ، ئىشنىڭ بېشىدا ناز قىلىپ كۆيدۈرىدۇ، ھەپتە ئۆتمەيلا كۆيگەن كۆڭۈلنى ئۆلتۈرىدۇ.