Uyghur主要词典
ناخىچېۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى
领域: دۇنيادىكى شەھەرلەرسوۋېت ئىتتىپاقى ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر مەمۇرىي رايونى. شەرق، شىمال تەرەپلىرى ئەرمەنىستان بىلەن، غەرب، جەنۇب تەرەپلىرى ئىران بىلەن چېگرىلىنىدۇ. مەيدانى 5500 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ئاھالىسى 267 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)، ئاھالىنىڭ ئاساسىنى ئەزەربەيجانلار، قالغىنىنى ئەرمەن، رۇس قاتارلىق مىللەتلەر تەشكىل قىلىدۇ. مەركىزى ناخىچېۋان شەھىرى، ناخىچېۋان 1924 - يىلى ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلغان. يېرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تاغلىقلار ئىگىلەپ تۇرىدۇ، شەرقىي شىمال ھەم شەرقىي جەنۇب قىسمىدا كىچىك كاۋكاز تاغلىرى بار. جەنۇبىي ھەم غەربىي جەنۇبىدا ئېگىزلىكى 600-1000 مېتىر كېلىدىغان ئەرمىنىستان ئېگىزلىكى بار. ئاراكس دەرياسى جۇمھۇرىيەتنىڭ جەنۇبى چېگرىسىنى بويلاپ ئېقىپ ئۆتىدۇ. يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تەخمىنەن 300 مىللىمېتىرغا يېتىدۇ. ئىقتىسادتا يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلىدۇ. كېۋەز، ئۈزۈم، تاماكا ۋە باشقا ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ. چارۋىچىلىقىمۇ خېلى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سانائەتتە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ.
关于该词条
这是一个维吾尔语–维吾尔语词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的主要词典。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。