Uyghur主要词典
ناسىخ ھەدىسلەر تەلىماتى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(كۈچتىن قالغان ھەدىسلەر تەلىماتى) بىر - بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەدىسلەرنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋىتىدە شەرىئەت ھۆكۈم قىلىدىغان تەلىمات، پرىنسىپلار كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بۇ تەلىمات ئىمام شافىئىينىڭ ناسىخ ئايەت تەلىماتىدىكى پرىنسىپقا ئاساسەن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بىر ھەدىسنى يەنە ھەدىس ناسىخ قىلسا (كۈچتىن قالدۇرسا) ئۇنى يەنە بىر ھەدىس كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك؛ ناسىخ مۇناسىۋىتى كۆرسىتىپ بېرىلگەن ھەدىسلەر قايتا زىت كەلمەسلىكى كېرەك؛ زىددىيەتلىك بولسىمۇ، ناسىخ ئىكەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلمىگەن ھەدىسلەرنى چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق مۇرەسسە قىلىشقا بولىدۇ. بۇنىڭ پرىنسىپى شۇكى، كېيىن رىۋايەت قىلىنغان ھەدىس بۇرۇنقىنى ناسىخ قىلالايدۇ، بۇنىڭ سىرتىدىكى ناسىخ ئادەتتىكىچە بولىدۇ، مەلۇم ئەھۋال يەنە بىر ئەھۋالنى ناسىخ قىلىدۇ.