Uyghur主要词典
ناسىر
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياردەم بەرگۈچى، ياردەمچى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ياردەم بەرگۈچى، قۇتقۇزغۇچى، قۇغدىغۇچى؛ ئاللا؛ دوست، ھەمراھ.
دۇنيا تارىخى
(1918 - 1970) مىسىر زۇڭتۇڭى (1956 - 1970). يۇقىرى مىسىرنىڭ بېنى مور شەھىرىدىكى پوچتا خىزمەتچىسى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چېغىدا ئەنگلىيىگە قارشى ھەرىكەتكە قاتناشقان. 1938-يىلى خانلىق ھەربىي ئىنستىتۇتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن. 1942-يىلى شۇ ئىنستىتۇتتا ھەربىي ئوقۇتقۇچى بولغان. 1948-يىلى پەلەستىن ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەم يارىدار بولغان. 1952-يىلى شۇ ئىنستىتۇتتا ھەربىي ئوقۇتقۇچى بولغان. 1848-يىلى پەلەستىن ئۇرۇشىغا قاتناشقان ھەم يارىدار بولغان. 1952-يىلى <ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى> غا رەھبەرلىك قىلىپ مىسىر ئىيۇل ئىنقىلابىنى قوزغاپ، فەرۇق (1936 - 1952-يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) فېئودال خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. 1953-يىلى مىسىر جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا مۇئاۋىن زۇڭلى ھەر ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولغان. 1954-يىلى 4-ئايدا زۇڭلى بولغان. 1955-يىلى باندۇڭ ئاسىيا - ئافرىقا يىغىنىغا قاتناشقان. 1956-يىلى يېڭى ئاساسىي قانۇننى يولغا قويغاندا زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان. كېيىنسۇۋەيش قانىلىنى قايتۇرۇۋالىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئەنگلىيە، فرانسىيە، ئىسرائىلىيىنىڭ مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىغا زەربە بېرىشكە رەھبەرلىك قىلغان. 1958-يىلى مىسىر بىلەن سۈرىيە بىرلىشىپ ئەرەب بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغاندا زۇڭتۇڭ بولغان. 1962-يىلى مىللىي ئىتىپاقنى ئەرەب سوتسىيالىستلار ئىتتىپاقىغا ئۆزگەرتىپ قۇرغاندا، ئالىي ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1967-يىلى مىسىر - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدا مىسىر خەلقىگە رەھبەلرىك قىلىپ، ئىسرائىلىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا زەربە بەرگەن، لېكىن مەغلۇپ بولغان. ئۇ ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ <ئىنقىلاب پەلسەپىسى>، <مىسىرنىڭ ئازادلىقى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
مەشھۇر شەخسلەر
كامال ئابدۇللا ناسىر (1918 −1970 - يىللار) ئاسيوت ئۆلكىسىنىڭ بىنمور كەنتىدىكى بىر خىزمەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.20 يېشىدا مىسىر خانلىق ھەربىي ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزگەن. ياشلىق مەزگىللىرىدە فېئودال خانلىققا قارشى مەخپىي ھەرىكەتلەرگە قاتناشقان، ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتىنى قۇرۇپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ رەئىسلىكىنى ئۈستىگە ئالغان.1952 - يىلى »ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتى«غا رەھبەرلىك قىلىپ »ئىيۇل ئىنقىلابى«نى قوزغاپ، فەرۇق خانىدانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان، خانلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، مىسىر جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان ۋە ئۇزاق ئۆتمەي زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان.1970 - يىلى ۋاپات بولغان.
ناسىر ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىللەردە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، »ھەربىي قوشۇن بولغاندىلا، مىللىي ئىنقىلاب ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ« دەپ قارىغان.1953 - يىلى1 - ئايدا پەرمان چۈشۈرۈپ، بارلىق سىياسىي پارتىيىلەرنى تارقىتىۋەتكەن.1958 - يىلىدىن كېيىن، دۆلەت ئىچىدە ئۇدا ئۈچ يىل كوممۇنىستىك پارتىيىگە قارشى ھەرىكەت قوزغىغان. دۆلەت ئىچىدە مىللىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، چەكلىك يەر ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىشنى ۋە مىللىي سودا - سانائەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى يولغا قويغان ھەمدە دۆلەتنىڭ مونوپول كاپىتالىنى زور كۈچ بىلەن كۆپەيتكەن.1961 - يىلى7 - ئايدا »سوتسىيالىزم« بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلاپ، دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىشنى كەڭ كۆلەمدە يولغا قويغان. سىرتقا قارىتا جاھانگىرلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىغان.1956
- يىلى ناسىر سۇۋەيىش قانىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان.10 - ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىسرائىلىيە سۇۋەيىش قانىلى ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ئىسرائىلىيە سىناي يېرىم ئارىلىغا تۆت تەرەپتىن بېسىپ كىرگەن. ئارقىدىنلا ئەنگلىيە، فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى مىسىرغا تاجاۋۇز قىلغان. ناسىر رەھبەرلىكىدىكى مىسىر ئارمىيىسى ۋە خەلقى پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىقپەرۋەر ئەللەرنىڭ ۋە خەلقنىڭ قوللىشى ھەم يار - يۆلەك بولۇشى ئارقىسىدا، تاجاۋۇزچىلارغا باتۇرلارچە قارشىلىق كۆرسىتىپ غەلىبە قىلغان.
ناسىر ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنىڭ ئاساس سالغۇچىلىرىدىن بىرى.1955 - يىلى4 - ئايدا، ئۇ باندۇڭ يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەزگىلدە، يۇگوسلاۋىيە زۇڭتۇڭى تىتو، ھىندىستان زۇڭلىسى نېھرو قاتارلىقلار بىلەن كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەرىكىتىنى قوزغىغان.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
ئەرەبچە
ناسى، ناسىرجان
ياردەم بەرگۈچى، غەلىبە قىلغۇچى، نۇسرەت قازانغۇچى