Uyghur主要词典
ناپولېئون
يۈز مەشھۇر شەخىس
1769 - 1821
فرانسىيلىك گېنېرال، فرانسىيلىك تۇنجى ھۆكۈمرانى ۋە ئىمپېراتورى ناپولېئون Ⅰ 1769 - يىلى كورسىكا ئارىلىنىڭ ئاياكشو شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئەسلى ئىسمى ناپولېئون بوناپارت ئىدى. فرانسىيە ناپولېئون تۇغۇلۇشتىن 15 ئاي ئىلگىرى كورسىكا ئارىلىنى بېسىۋالدى. شۇڭلاشقا ناپولېئون فرانسىيىلىكلەرنى ۋەھشىي ئىستېلاتچىلار دەپ ھېسابلايتتى. شۇنداق بولسىمۇ ناپولېئون يەنىلا فرانسىيە ھەربىي مەكتىپىگە كىردى. 1785 - يىلى 16 يېشىدا، ئۇ پارىژ ھەربىي مەكتىپىنى پۈتتۈردى، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن فرانسىيە قوشۇنى رافىل پولكى زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنىڭ پودپوروچىكى بولدى. بۇ چاغدا 16 ياشتا ئىدى.
تۆت يىلدىن كېيىن، فرانسىيە ئىنقىلابى پارتىلىدى. ئۇدا نەچچە يىل، فرانسىيە يېڭى ھاكىمىيىتى نۇرغۇن دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشقا چىتىلىپ قالىدۇ. ناپولېئون ئۆز ئىقتىدارىنى 1793 - يىلى تۇلون شەھىرىنى قورشاۋغا ئالغاندا كۆرسىتىشكە باشلايدۇ؛ بۇ شەھەر ئىنگىلىزلارنىڭ ئىشغالىيىتىدە بولۇپ، فرانسۇزلار بۇ شەھەرنى تارتىۋالماقچى بولىدۇ. زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنىڭ باش قوماندانى يارىلانغانلىقتىن، ناپولېئون بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. بۇ چاغدا، ناپولېئون ئۆزىنىڭ كورسىكا ئارىلى دېگەن ئۇقۇمىنى تاشلاپ، ئۆزىنى فرانسىيلىك دەپ قارايدۇ. ئۇ تۇلۇن ئۇرۇشىدا غەلبە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن برىگادىر گېنېراللىققا ئۆستۈرۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ 24 ياشقا كىرگەنىدى. 1796 - يىلى، ئۇ فرانسىيىنىڭ ئىتالىيىدە تۇرۇشلۇق زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنىڭ قوماندانلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. 1796 - 1797 - يىلغىچە، ناپولېئون نۇرغۇن ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىپ، شەرەپ بىلەن پارىژغا قايتىپ كېلىدۇ.
1798 - يىلى، ناپولېئون ئەسكەر تارتىپ، مىسرغا يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ قېتىملىق يۈرۈش ئاپەتلىك بولدى. قۇرۇقلۇقتا ئىستلاچى قوشۇننىڭ يۈرۈشى ھەر ھالدا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدۇ؛ بىراق دېڭىز يۈرۈشىدە، فرانسىيە فلوتى ئەنگىلىيە گېنېرالى نارسون قوماندانلىقىدىكى ئەنگىلىيە فلوتى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. 1799 - يىلى، ناپولېئون قوشۇننى مېسىردا قالدۇرۇپ، بىر نەچچە ياردەمچىلىرىنىلا ئەگەشتۈرۈپ، ئىككى تېز يۈرىدىغان زەمبىرەكچى پاراخوتى بىلەن دۆلىتىگە قايتىدۇ. پارىژغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ناپولېئون كىشىلەر ئۇنىڭ ئىتالىيىدە قولغا كەلتۈرگەن بىرقاتار غەلىبىلىرى ئۈستىدىلا سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى، مىسردىكى سەرگۈزەشتىلىرى ئۈستىدە گەپ بولمىغانلىقىنى كۆرىدۇ. بۇ دەسمايىسىگە تاينىپ، ناپولېئون سىياسىي ئۆزگىرىشكە قاتنىشىپ، يېڭى ھاكىميەت قۇرىدۇ، ئۇ تۇنجى ھاكىممۇتلەق بولىدۇ. ئۇ گەرچە يېڭى قانۇن تۇرغۇزغان ھەم خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ۋەھالەنكى بۇ پەقەت ناپولېئوننىڭ ھاكىممۇتلەق بولۇشىنىڭ نىقابى ئىدى.
ناپولېئون تەسەۋۋور قىلغۇسىز تېزلىكتە ھاكىمىيەتنى ئىگىلەيدۇ. 1793 - يىلى 8 - ئايدا تۇلون شەھىرىنى قورشاۋغا ئېلىش ئالدىدا، ناپولېئون نامى چىقمىغان بىر ئادەتتىكى ئوفىتسېر ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ تېخى فرانسىيلىك ئەمەس ئىدى، بىراق، قىسقىغىنا ئالتە ئاي ئىچىدە، ئەمدى تېخى 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان ناپولېئون فرانسىيىدە تەڭداشسىز. ھۆكۈمران بولۇپ قالدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، فرانسىيىنىڭ مەمۇرىي ئىشلىرى، قانۇن تۈزۈمى ئۈستىدە ئىسلاھات ئېلىپ باردى. مالىيە، ئەدلىيە تۈزۈلمىسىنى تەڭشىدى. بانكا ۋە فرانسىيە داشۆسى قۇردى. ھوقۇقنى مەركەزگە يىغدى. بۇ ئىسلاھاتلار گەرچە فرانسىيىدە رول ئوينىغان بولسىمۇ، بىراق دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا ھېچقانچىلىك تەسىر كۆرسىتەلمىگەنىدى.
ناپولېئون ئېلىپ بارغان ئىسلاھاتلارنىڭ سىرتقا نىسبەتەن بىر قەدەر تەسىر كۆرسەتكىنى <ناپولېئون> ھېسابلىنىدۇ. بۇ قانۇن فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى گەۋدىلەندۈرگەن. مەسىلەن، بۇ قاندا بۇنىڭدىن كېيىن ئىمتىياز مەۋجۇت ئەمەس، قانۇن ئالدىدا ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەنلەر بەلگىلەنگەن.
ناپولېئوننىڭ سىياسىتىنىڭ نېگىزى ئۇنىڭ فرانسىيە ئىنقىلابىنىڭ ھىمايىچىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەشتە. گەرچە شۇنداق بولسىمۇ، 8041 - يىلى، ئۇ ئىمپېرىيە قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنى ناپولېئون Ⅰ دەپ ئاتىغان. ئاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۈچ ئىنىسىنى ياۋرۇپادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ كورۇللۇقىغا ئولتۇرغۇزغان. ئۇنىڭ بۇ خىل قىلمىشى فرانسىيە خەلقىنىڭ غەزىپىنى قوزغىشى تەبىئىي ئىدى. خەلق ئۇنى فرانسىيە ئىنقىلابى پرىنسىپلىرىنىڭ خائىنى دەپ ھېسابلايتتى. ناپولېئوننىڭ شۇملۇقىدىن باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىر قاتار ئۇرۇشلار كېلىپ چىققانىدى.
1802 - يىلى، ناپولېئون ئەنگىلىيە بىلەن <ئامېن شەرتنامىسى> نى تۈزدى. بۇ شەرتنامە فرانسىيە 10 يىللىق ئۇرۇشىنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن، فرانسىيىگە ئارام ئېلىش پۇرسىتى بەرگەنىدى. بىراق ئىككىنچى يىلى شەرتنامە بۇزۇپ تاشلاندى. كەينىدىنلا فرانسىيە بىلەن ئەنگىلىيە ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئوتتۇرىسىدا بىر قاتار ئۇرۇش پارتىلىدى. گەرچە فرانسىيە قوشۇنى قۇرۇقلۇقتا غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئەنگىلىيىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلالمىدى. ئەپسۇسلىنارلىقى 1805 - يىلى ناپولېئوننىڭ فلوتى ترافالگار ئۇرۇشىدا ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىدۇ. بۇ ئۇرۇش يۈز بېرىپ ئالتە ھەپتىدىن كېيىن، گەرچە ناپولېئون ئوستېرلىتىس جېڭىدە ئاۋسترىيە ۋە چار روسىيە قوشۇنلىرى ئۈستىدىن غەلبە قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ غەلىبلەر فرانسىيىنىڭ دېڭىز ئۇرۇشىدا تارتقان زىيىنىنى تولدۇرالمىدى.
1808 - يىلى، ناپولېئون ئىبېرىيە يېرىم ئارىلىدا ھېچ بىر مەقسەت بولمىغان ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالدى، فرانسىيە قوشۇنلىرى ساسلىققا قامىلىپ قالغانلىقىدىن ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالدى. ناپولېئوننىڭ ئەخمەقلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەجەللىك خاتالىقى ئۇنىڭ روسىيىگە بولغان ئۇرۇشىدا ئىپادىلىنىدۇ. 1807 - يىلى ناپولېئون روسىيە پادىشاھى بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئىكى تەرەپ <تىلزىت تىنچلىق شەرتنامىسى> تۈزۈشۈپ، مەڭگۈ ئىناق ئۆتۈشكە ۋەدىلىشىدۇ. بىراق، بۇ ئەھدىنامە بۇزۇلۇپ كېتىدۇ، 1812 - يىلى نوپولېئون <زور قوشۇن> تارتىپ روسىيىگە يۈرۈش قىلىدۇ. بۇ يۈرۈشنىڭ نەتىجىسى ھەممىگە ئايان، روسىيە قوشۇنلىرى فرانسۇز قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىشىشتىن ساقلىنىدۇ. ناپولېئون پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇدۇل ئىلگىرىلەپ كىرىۋېرىدۇ. شۇ يىلى 6 - ئايدا موسكۋا بېسىۋالىدۇ، روسلار موسكۋاغا ئوت قويۇپ، شەھەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنى كۆيدۈرۈۋېتىدۇ. فرانسۇز قوشۇنلىرى موسكۋادا بەش ھەپتە تۇرىدۇ. ئەسلى ئۇلار رۇسلار سۇلھى تەلەپ قىلىدۇ، دەپ ئويلاشقانىدى. بىراق ھېچقانداق شەپە بولمىغانلىقتىن ناپولېئون چېكىنىش قارارىغا كېلىدۇ، بىراق ئۇ تولىمۇ كېچىككەنىدى.
رۇس قوشۇنلىرىنىڭ ئىسكەنجىگە ئېلىشىدىن بولغانمۇ ياكى قاتتىق سوغۇق تەپەيلىدىن بولغانمۇ ۋە ياكى فرانسۇزلارنىڭ ئۇزۇق - تۈلۈكى يېتىشمەسلىكتىن بولغانمۇ، فرانسۇز قوشۇنلىرىنىڭ چېكىنىشى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. <زور قوشۇن> نىڭ ئاران ئوندىن بىر قىسىمىلا ئامان - ئېسەن قايتىپ كېتەلەيدۇ. ياۋرۇپا ھەر قايسى ئەللىرى بۇ فرانسىيىنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلىدىغان ياخشى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ، بىردەك ناپولېئوننىڭ قوشۇنلىرى قاتتىق مەغلۇپ بولىدۇ. ئىككىنچى يىلى، ناپولېئون Ⅰ تەختتىن چۈشۈپ، ئىتالىيىنىڭ دېڭىز بويىدىكى ئېلبا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ.
1815 - يىلى، ناپولېئون پارىژغا فېچىپ كېلىپ فرانسىيە خەلقىنىڭ قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولىدۇ ۋە قايتىدىن تەختكە چىقىپ، ھاكىميەت يۈرگۈزىدۇ. ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى ئەللەر دەرھال فرانسىيىگە قايتىپ كېلىپ 100 كۈندىن كېيىن، ئۇنىڭ قوشۇنى ۋاتېرلوئو ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولىدۇ. ئەنگىلىيىلىكلەر ئۇنى جەنۇبىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى مۇقەددەس ھېلېنا دەيدىغان كىچىك بىر ئارالغا قاماپ قويىدۇ. 1821 - يىلى تېخى 52 ياشقا توشمىغان ناپولېئون راك كېسلى بىلەن بۇ كىچىك ئارالدا ۋاپات بولىدۇ.
دۇنيا تارىخى
(1769 - 1821) يەنى ناپولېئون بوناپارت. فرانسىيە بىرىنچى ئىمپېرىيىسىنىڭ كورۇلى (1804 - 1814، 1815) كورسىكا ئارىلىدىكى ۋەيران بولغان كىچىك ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1779-يلى ارانسىيە ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. 1785-يىلى زەمبىرەكچىلەر قىسىمىنىڭ ئوفىتسېرى بولغان. بۈيۈك ئىنقىلاب مەزگىلىدە بىر مەھەل ياكوبىنچىلارغا يېقىنلاشقان. 1793-يىلى قىتتا تولۇن جېڭىدە ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ، برىگادېر گېنېراللىقىغا كۆتۈرۈلگەن. 1794-يىلى تومۇز ئېيى سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن قىسقا ۋاقىت قاماققا ئېلىنغان. 1795-يىلى كۈزدە مۇنارخىستلاr پارتىيىسىنىڭ ئۈزۈم پىشىقى ئېيىنىڭ 13-كۈنىدىكى توپىلاڭىنى باستۇرۇشقا قوماندانلىق قىلغان، ئاندىن كېيىن ئىچكى مۇداپىئە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1796-يىلى ئەتىيازادا ئىتالىيە يۆنىلىش ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان، ئىككىنچى يىلى 10-ئايدا ئاۋسترىيىنى <كامپوفورمىئو سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلغان. 1798 - 1799-يىلىرى مىسىر ۋە سۈرىيىگە يۈرۈش قىلغان. 1799-يىلىنىڭ ئاخرىدا فرانسىيىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، تۇمانلىق ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سىياسىي ئۆزگىرىشنى قوزغاپ، تەپتىش ھۆكۈمىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. كېيىن ئىجرائىيە ھۆكۈمەت قۇرۇپ، ئۆزى تۇنجى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈچى بولغان. 1800-يىلى 6-ئايدا مارېنگودا ئاۋسترىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان، ئىككىنچى يىلى 2-ئايدا فرانسىيە، ئاۋسترىيە <لونېۋىللې سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالىغان. 1802-يىلى 3-ئايدا، ئەنگلاىيە بىلەن <ئامېن سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. شۇ يىلى 8-ئايدا ئۆمۈرۋايەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى قىلىپ تەيىنلەنگەن. 1804-يىل 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئىمپېرىيە تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۆزىنى ناپولېئون Ⅰ دەپ ئاتىغان. 1805-يىلى 10-ئاي ۋە 12-ئايدا كەينى - كەينىدىن ئۇلم ۋە ئوستېرلىس جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن، 11-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاۋسترىيە بىلەن <پرېيىسبۇرگ سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالىغان. ياندۇرۇقى يىلى گوللاندىيىنى ئىشغال قىلىپ، 10-ئايدا يېنادا پرۇسسىيىنى مەغلۇپ قىلىپ، بېرلىن پەرمانىنى ئېلان قىلىپ، ئەنگلىيىنى چوڭ قۇرۇقلۇق قامال قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق تۇنجۇقتۇرماقچى بولغان. 1807-يىلى ئېيلياۋ، فريېدلانددا روسىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، 7-ئايدا <تىرسىت سۈلھ شەرتنامىسى> نى ئىمزالاپ، روسىيىنى ۋاقتىنچە چوڭ قۇرۇقلۇق قامال قىلىش سىستېمىسىغا كىرىشكە مەجبۇر قىلغان. 1808-يىلىدىن باشلاپ ئىسپانىيىگە بېسىپ كىرگەن. بۇ چاغدا ئىمپېرىيە راسا روناق تاپقان، ناپولېئون ئىتالىيە كورۇللىقىنى قوشۇمچە ئۆتىگەن. 1808 - 1814-يىللىرى ئىسپانىيىگە بېسىپ كىرگەن يېرىم ئارال ئۇرۇشىدا ئارقا - ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان. 8121-يىلى روسىيىگە بېسىپ كىرىپ پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. 1813-يىلى 10-ئايدا لېيپسىگ جېڭىدە فرانسىيە ئارمىيىسى يەنە مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان. ئىككىنچى يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى ئالتىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق بىرلەشمە ئارمىيىسى پارىژغا كىرگەن. ناپولېئون 4-ئايدا بىرىنچى قېتىم تەختتىن چۈشۈپ، ئېلبا ئارىلىغا سۈرەۈن قىلىنغان. 1815-يىلى 3-ئايدا پارىژغا قايتىپ بېرىپ، يۈز كۈنلۈك خاندانلىقنى تىكلىگەن. 6-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋاتېرلوئودا يەتتىنچى قېتىملىق فرانسىيىگە قارشى ئىتتىپاق بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان، 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئىچكىنى قېتىم تەختتىن چۈشۈپ، سېن ھېلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەسلىەم سۆزلەپ قالدۇرغان. كېيىن ناپولېئوننىڭ تۈرلۈك خەت - چە، ھۆججەتلەر توپلىمى چىقىرىلغان، ئۇنىڭ ئىچىدە <ناپولېئون Ⅰ خەت - چەكلەر توپلىمى> (32 توم) غا كىرگۈزۈلگىنى ھەممىدىن كۆپ. ئۇنىڭدىن باشقا سېن ھېلېنا ئەسلىمىلىرىنىڭ ھەر خىل نەشرى دۇنياغا تارقالغان.
دۇنيا تارىخى
(1808 - 1873) يەنى لۇئى ناپلېئون. فرانسىيە ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1848 - 1851)، ئىككىنچى ئىمېپرىيىنىڭ كورۇلى (1852 - 1870). ئەسلى ئىسمى لۇئى ناپولېئون بوناپارت. ناپولېئون Ⅰ نىڭ ئىككىنچى ئىنىسى، گوللاندىيە كورۇلى لۇئى بوناپارتنىڭ كەنجى ئوغلى. كىچىكىدە ئانىسىغا ئەگىشىپ گېرمانىيە ۋە شۋېتسارىيىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. 1830 - 1831-يىللىرى ئىتالىيىدىكى كاربونارلار پارتىيىسى پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئاكىسى ۋە ناپولېئون Ⅰنىڭ ئوغلى ئۆلگەندىن كېيىن، فرانسىيە كورۇللىقىنىڭ تەمەخورى بولۇپ قالغان. 1836-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى ستراسبۇرگ ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىشىنى قوزغاپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئامېرىكا قىتئەسىگە سۈرگۈن قىلىنغان. كېيىن شۋېتسارىيە ۋە ئەنگلاخيىگە قېچىپ بېرىۋالغان. 1840-يىل 8-ئاينىڭ 6-كۈنى يەنەدېڭىزغا يېقىن بولغان بولۇگنېدا توپىلاڭ قوزغىغان، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆمۈرۋايەتلىك نەزەربەند قىلىشقا ھۆكۈم قىلىنغان. 1846-يىلى ئەنگلاىيىگە قېچىپ بارغان. 1848-يىلى فېۋرال ئىنقىلابىدىن كېيىن فرانسىيىگە قايتقان، 9-ئايدا ئاساسىي قنۇن تۈزگۈچى پارلامېنتقا سايلانغان. ناپولېئون Ⅰ نىڭ ئابرويىغا تايانغانلىقتىن، 12-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلىپ، ئىككىنچى جۇمھۇرىيەتنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان، مەملىكەت ئىچىدىكى كاتولىك مۇرىتلىرىنىڭ قوللىشىغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، 1849-يىلى رىمغا ئەسكەر چىقىرىپ، پاپانىڭ رىم جۇمھۇرىيىتىنى باستۇرۇشىغا ياردەملەشكەن. 1851-يىل 12-ئاينىڭ 2-كۈنى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغىغان. ئىككىنچى يىلى 1-ئايدا ئاساسىي قانۇننى ماقۇللاپ، زۇڭتۇڭغا ھاكىممۇتلەقلىق ھوقۇقى بەرگەن. شۇ يىلى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىمپېرىيە مەزگىلىدە، ئەنگلىيە بىلەن بىرلىشىپ روسىيىگە قارشى تۇرغان، قىرىم ئۇرۇشىغا قاتناشقان، يەنە ئاۋسترىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ساۋوي بىلەن نىسېنى يۇتۇۋالغان ھەمدە جۇڭگو (1858 -1860)، ۋيېتنام، سۈرىيە ۋە مېكسىكىغا قارىتا مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشى قوزغىغان. 1870-يىل 7-ئاينىڭ 19-كۈنى پرۇسسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 9-ئاينىڭ 2-كۈنى سېداندا يېڭىلىپ ئەسىرەە ئېلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئىككىنچى ئىمپېرىيە ئاخىرلاxقان. 1871-يىلى فرانسىيە - گېرمانىيە سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلىپ، ئەنگلىيىدە سەرگەردان بولۇپ يۈرگەن. ئۇنىڭ <سىياسىي ئوي - پىكىرلەر>، <ناپولېئون ئىدىيىسى>، <نامراتلىقنى تۈگىتىش توغرىسىدا> دېگەن ئەسەرلىرى بار.