Uyghur主要词典
ناپاك
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
پاك ئەمەس، ناپاك؛ ئىپلاس:
قەترەئى ناپاك سۇدىن سۇرەتىمىزنى خەلق ئېتىپ،
مەدە - نەر ھۇسنۇ قەبىھ رەڭگىدە قىلسۇن نەئىلاج.
شەۋقى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
پاسكىنا، مەينەت؛ بۇلانغان، تەركىبى ساپ بولمىغان.
- يىراق بول، كىيىملىرىڭ ناپاك بولىدۇ، - دېدى ئۇ بالىسىنى چەتكە تارتىپ.
غۇسۇل قىلمىغان، يۇيۇنمىغان؛ بۇزۇق، شاللاق.
- ناپاك ئايالنى سۆرەپ يۈرسەڭ قانداق بۇلۇر، - دېدى ئۇ.
كۆچمە. يامان ئىللىتى بار، چېرىك، بولمىغۇر.
مەن ئامالسىز ئۇنىڭ بىلەن ئاشۇنداق ناپاك، ئوغرىلارچە تىل بىرىكتۈرۈشكە مەجبۇرمەن.