Uyghur主要词典
نان ئۇرسۇن
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەتتىكىچە قەسەم: جاجامنى يەي.
خۇدا ئۇرسۇن، مەن ئۇنى ئالدىمىدىم، _ دەپتۇ قىز. ئەگەر يالغان ئېيتقان بولسام، داستىخاندىكى نان ئۇرسۇن. بۇنىڭدىن خەۋەرىم يوق بىلمەيمەن، كالامۇللا ئۇرسۇن بىلمەيمەن.
ئۇيغۇر تىلىدىكى تۇراقلىق ئىبارىلەر
«خۇدا ئۇرسۇن، شورى قۇرۇسۇن» دېگەن مەنىلەردىكى قەسەم سۆزى: - ئەزبىرايى خۇدا راست، غوجام - دېدى قاڭشارلىق كەلگەن بۇرۇتلۇق چېرىك، - گېپىمىز يالغان بولسا، بىزنى نان ئۇرسۇن، قان قۇسۇپ ئۆلەيلى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
<خۇدا ئۇرسۇن، شورى قۇرۇسۇن> دېگەن مەنىلەردىكى قەسەم سۆزى.
- ئەزبىرايى خۇدا، راست غۇجام، - دېدى قاڭشارلىق كەلگەن بۇرۇتلۇق چېرىك،- گېپىمىز يالغان بولسا، بىزنى نان ئۇرسۇن، قان قۇسۇپ ئۆلەيلى