Uyghur主要词典
ناناساھىب
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1825 - 1860) دوندوپانت ياكى راجابىتۇر دەپمۇ ئاتالغان. 1857-يىلدىكى ھىندىستان مىللىي قوزغىلىڭىنىڭ يولباشچىلىرىدىن بىرى. ماراتىنىڭ پېشۋاسى (ھۆكۈمرانى)، باجى رائو Ⅱ نىڭ ئاسراندى ئوغلى. 1853-يىلى باجى رائو ئۆلگەندىن كېيىن باش ۋالىي دالخۇسې ئۇنى بىكار قىلپ، يىللىق ياردەم پۇلى ئېلىشقا ۋارىسلىق قىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلغان. 1857-يىلى 6-ئايدا ئوتتۇرا ھىندىستاننىڭ كانپۇر شەھىرىدىكى ھىندىستانلىق ئەسكەرلەر قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىپ، ئۆزىنى پېشۋا قىلىپ تىكلىۋالغان. 1859-يىلى قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن نېپالغا قېچىپ بېرىپ، چېگرا ئەتراپىدىكى قېلىن ئورمانزارلىقتا ئۆلگەن.