Uyghur主要词典
ناكائى توجۇ
دۇنيا تارىخى
(1608 - 1648) ياپونىيە ئېدونىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋاڭ ياڭمىڭشۇناس. ئومى (ھازىرقى شىگا ناھىيىسى) نىڭ تاكاشىما رايونىدا تۇغۇلغان. ئىسمى ەېن، تەخەللۇسى كورې، بوۋىسى تاكاشىما شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان بوۋىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئەمەلدار بولغان. 1634-يىلى (كانئېنىڭ 11-يىلى) مەكتەپ ئېچىپ، دەرس ئۆتۈپ زامانداشلىرى تەرىپىدىن <ئومى دانىشمىنى> دەپ ئاتالغان. دەسلىپىدە پەيلاسوپ چېڭ، جۇلارنى ئۇستاز تۇتۇپ، كېيىن <ھەممىدە ۋاپادار بولۇش تەلىماتى> نى تەشەببۇس قىلىپ، 1644-يىل (شوخونىڭ بىرىنچى يىلى) دىن باشلاپ <ۋاڭ ياڭمىڭ قامۇسى> بىلەن ئۇچراشقاندىن كېيىن، شەيئىلەرنى تەتقىق قىلىپ، ئىلىم ھاسىل قىلىشنى يېڭىچە ئىزاھلاپ، ياپونىيە ۋاڭ ياڭمىڭ ئىلمىي ئېقىمىغا ئاساس سالغۇچىلاردىن بولۇپ قالغان. شاگىرتلىرى ئىچىدە كۇمازاۋا بانزان (1619 - 1691) ئەڭ مەشھۇر ئىدى. ئەسەرلىرى <توجو ئەسەرلىرى> گە كىرگۈزۈلگەن.