Uyghur主要词典
ناكاجىما كېنزو
دۇنيا تارىخى
(1903 - 1979) ياپونىيىلىك ئوبزورچى، فرانسىيە ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى. توكيوتودىن. 1928-يىلى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتى فرانسىيە ئەدەبىياتى كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، كېيىن تەتقىقات ئىنىستىتۇتىغا كىرگەن. 1934 - 1962-يىللىرى توكيو ئىمپېرىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىدا لېكتور بولغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مۇخبىرى بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن ئاساسەن ئىجتىمائىي ئوبزورچىلىق ۋە ئەدەبىيات ئوبزورچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان. نەچچە ئون مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى ياكى مەسئۇلى بولغان ھەمدە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى ۋە پەخرى پروفېسسورى بولغان. ھاياتىدا ئاساسلىقى فرانسىيە ئەدەبىياتى، ياپونىيە ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى، ئاخباراتشۇناسلىق ۋە قانۇنشۇناسلىقنى تەتقىق قىلغان. 1956 - 1979-يىللىرى ياپونىيە - جۇڭگو مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ ھەيئەت باشلىقى بولغان. 1979-يىل مايدا رەئىس بولغان. جۇڭگونى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلىپ، ياپونىيە - جۇڭەو دوستلۇق ھەرىكىتى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش ئىشىغا ئۇزۇن مۇددەت كۈچ سەرپ قىلغان. <فرانسىيە ئەدەبىياتىدىن باشلانغۇچ ساۋات>، < ئەدەبىيات - سەنئەت ئىلمى توغرىسىدا> <ھازىرقى زامان يازغۇچىلىرى توغرىسىدا>، <شوۋادەۋرى>، <ئارقا مۇھاپىزەتچىنىڭ ئىدىيىسى - فرانسىيە ئەدەبىياتى خادىمى ۋە جۇڭگو>، <سۈرىتىم>، <ئەسلىمە ئەدەبىياتى> قاتارلىق ئەسەلىرى بار.