—参考资料
مودەنگۈل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، سىيادانغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر - ئىككى مېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى چوڭ، سارغۇچ جىگەر رەڭ، خۇشخۇي پۇرىقى بار؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشپ ئۆسىدۇ، ئىككى قايتىلانغان ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقنىڭ شەكلى دۈگىلەك ياكى تېمىنە شەكلىدە؛ گۈلى چوڭ، يالغۇز بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ، گۈلى يىلىڭ ياكى قات بولۇپ ئېچىلىدۇ؛ رەڭگى قىزىل ياكى قىزغۇچ سۆسۈن ئاق بولىدۇ. غۇنچە شەكىللىك مېۋىسى بەش تالدىن توپلىشىپ ئۆسىدۇ، سىرتىنى تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ 3 ~ 5 يىللىق گۈلىنىڭ يىلتىز پوستى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈز ياكى ئەتىيازدا يىلتىزىنى كولىۋېلىپ، چاچما يىلتىزلىرىنى ئېلىۋېتىپ، يىلتىز پوستىنى سويۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىمىزنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، قاننى سوۋۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، نېرۋىنى كۈچەيتىش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مودەن يىلتىزى پوستىدىن 15 گرام، خام ئەگرىسۇنادىن 16 گرام، چۇقىدىن 12 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان قان قۇسۇش، بۇرۇن قاناش ۋە بەدەنگە سەپكۈن چىقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مودەن يىلتىزى پوستى، ئالقات يىلتىز پوستى ۋە كۆك ئەمەننىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سىلدىن
بولغان تۆۋەن قىزىتمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مودەن يىلتىز پوستى، سۇسىز رەۋەن، تەكىيە كاۋا ئۇرۇقى ۋە شاپتۇل مېغىزىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ سەككىز
گرام شور بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئىچىپ بەرسە، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ۋە قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مودەن يىلتىز پوستىدىن 15 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئۇدا ئون كۈن ئىچىپ بەرسە، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان بۇرۇن
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مودەن يىلتىزى پوستى، كىرەش ۋە ئەمەن يوپۇرمىقىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز كەلمەي
قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
例句
بۇ يىل مودەنگۈلنىڭ يىلتىزىنى ئۈزۈۋالماقچى.
翻译: This year, we plan to dig up the roots of the moudengül.
ئۆسۈملۈك نامى
参考资料
领域: ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسىجۇڭگو مودەنگۈلىنىڭ تۈپ شەكلى كۆركەم، گۈل تۈسى چىرايلىق، يارقىن، خۇش پۇرىقى يېقىملىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى داڭدار گۈللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى ھېسابلىنىدۇ. «گۈللەر شاھى»، «ئەڭ گۈزەل گۈل» دەپ تەرىپلىنىدۇ. تاڭ سۇلالىسىدىكى شائىر ليۇ يۈشى ئەينى چاغدىكى پايتەختنىڭ مودەنگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىدىغان پەسلىنى تەسۋىرلەپ «بىر مودەنگۈلىلا چىرايلىق زېنھار، ئېچىلسا شەھەرگە زىلزىلە سالار» دەپ يازغان.
مودەنگۈل ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىرى2 مېتىرغا يېتىدۇ، ئادەتتە1 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. گۈلى شاخ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈلىنىڭ دىئامېتىرى16 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا خېلىلا چوڭ دېيىشكە بولىدۇ. گۈل كاسا ياپراقچىلىرىنىڭ سانى بەش؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ سانى بەش ياكى بەشنىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. قات گۈللۈكلىرى تېخىمۇ ئەتىۋارلىق، گۈللىرى قىزىل، ئاق، جىگەر رەڭ ۋە سېرىق رەڭلەردە بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق.
مودەنگۈلنىڭ گۈل تۈسى (قىياپىتى) خىلمۇخىل ئۆزگەرگەن ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. گۈللىرى نېلۇپەرگە، ئاپتاپپەرەسكە، گۈلچىمەنگە ئوخشاش بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىۋېتىدۇ؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرى قىزىل لەۋلەرگە، قەلەم قاشلارغا، ئالتۇن تەڭگىچىلەرگە ئوخشاش ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ؛ رەڭلىك ھەم چىرايلىق گۈللىرى شاخ ئۇچىدا بولۇپ، بەزىلىرى ساڭگىلىغان، بەزىلىرى نازلىنىپ، بەزىلىرى ئىگىلگەن، بەزىلىرى تىك تۇرغان، ھالەتلىرى خىلمۇخىل، ئادەم قاراپ تويمايدۇ.
مودەنگۈلنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۆستۈرۈلىدىغان جايلار ناھايىتى كەڭ. تارىختا، قەدىمكى پايتەخت لوياڭدىكى مودەنگۈللەر ئەڭ كۆپ، ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئىككى ئەنئەنىۋى تۈرى بولغان: بىرى، سېرىق ئېچىلىدىغان «ياۋخۇاڭ» مودەنگۈلى؛ يەنە بىرى، بىنەپشەرەڭدە ئېچىلىدىغان «ۋىي زى» مودەنگۈلى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. «لوياڭ مودەنلىرىنىڭ تەڭدىشى يوق» دېگەن سۆز بار، مودەنگۈل ھازىر لوياڭ شەھىرىنىڭ شەھەر گۈلى قىلىپ بېكىتىلدى، ھەر يىلى15 - ئاپرېلدىن25 - ئاپرېلغىچە «لوياڭ مودەنگۈل يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈش بەلگىلەندى. ھەر نۆۋەت يەرمەنكە مەزگىلىدە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر توپلىشىپ، گۈللەر شاھىنى ئورتاق تاماشا قىلىشىدۇ.
关于该词条
这是一个xx–xx词典词条。
该词条来自 Lughet 收录的参考资料。
该词在 Lughet 收录的其他来源中也有释义 — 见下方列表。