Uyghur主要词典
مودەنگۈل
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
بۇ ئېيىقتاپانلىقلار ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان، سىيادانغا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ،
ئېگىزلىكى بىر - ئىككى مېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى چوڭ، سارغۇچ جىگەر رەڭ، خۇشخۇي پۇرىقى بار؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشپ ئۆسىدۇ، ئىككى
قايتىلانغان ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق، كىچىك يوپۇرماقنىڭ شەكلى دۈگىلەك ياكى تېمىنە شەكلىدە؛ گۈلى چوڭ، يالغۇز بولۇپ، ئۇچىدا
ئۆسىدۇ، گۈلى يىلىڭ ياكى قات بولۇپ ئېچىلىدۇ؛ رەڭگى قىزىل ياكى قىزغۇچ سۆسۈن ئاق بولىدۇ. غۇنچە شەكىللىك مېۋىسى بەش تالدىن
توپلىشىپ ئۆسىدۇ، سىرتىنى تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ 3 ~ 5 يىللىق گۈلىنىڭ يىلتىز پوستى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ كۈز ياكى ئەتىيازدا يىلتىزىنى كولىۋېلىپ، چاچما يىلتىزلىرىنى
ئېلىۋېتىپ، يىلتىز پوستىنى سويۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، توغراپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلىرىمىزنىڭ ھەر قايىسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
ھارارەتنى پەسەيتىش، قاننى سوۋۇتۇش، توسالغۇلارنى ئېچىش، نېرۋىنى كۈچەيتىش، ئۇيقۇ
كەلتۈرۈش، سۈيدۈكنى راۋانلاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 6 ~ 12 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
مودەن يىلتىزى پوستىدىن 15 گرام، خام ئەگرىسۇنادىن 16 گرام، چۇقىدىن 12 گرام، قىزىل چۇغلۇقتىن 10 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ
ئىچىپ بەرسە، ئىسسىقتىن بولغان قان قۇسۇش، بۇرۇن قاناش ۋە بەدەنگە سەپكۈن چىقىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مودەن يىلتىزى پوستى، ئالقات يىلتىز پوستى ۋە كۆك ئەمەننىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، سىلدىن
بولغان تۆۋەن قىزىتمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مودەن يىلتىز پوستى، سۇسىز رەۋەن، تەكىيە كاۋا ئۇرۇقى ۋە شاپتۇل مېغىزىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ سەككىز
گرام شور بىلەن ئايرىم - ئايرىم ئىچىپ بەرسە، سوقۇر ئۈچەي ياللۇغىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلى ۋە قەۋزىيەتكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
مودەن يىلتىز پوستىدىن 15 گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئۇدا ئون كۈن ئىچىپ بەرسە، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان بۇرۇن
ياللۇغىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
مودەن يىلتىزى پوستى، كىرەش ۋە ئەمەن يوپۇرمىقىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ھەيز كەلمەي
قورساق ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
جۇڭگو مودەنگۈلىنىڭ تۈپ شەكلى كۆركەم، گۈل تۈسى چىرايلىق، يارقىن، خۇش پۇرىقى يېقىملىق بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى داڭدار گۈللىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى ھېسابلىنىدۇ. «گۈللەر شاھى»، «ئەڭ گۈزەل گۈل» دەپ تەرىپلىنىدۇ. تاڭ سۇلالىسىدىكى شائىر ليۇ يۈشى ئەينى چاغدىكى پايتەختنىڭ مودەنگۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلىدىغان پەسلىنى تەسۋىرلەپ «بىر مودەنگۈلىلا چىرايلىق زېنھار، ئېچىلسا شەھەرگە زىلزىلە سالار» دەپ يازغان.
مودەنگۈل ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىرى2 مېتىرغا يېتىدۇ، ئادەتتە1 مېتىر ئەتراپىدا بولىدۇ. گۈلى شاخ ئۇچىدا يالغۇز ئۆسىدۇ، گۈلىنىڭ دىئامېتىرى16 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ، شۇڭا خېلىلا چوڭ دېيىشكە بولىدۇ. گۈل كاسا ياپراقچىلىرىنىڭ سانى بەش؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرىنىڭ سانى بەش ياكى بەشنىڭ ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ. قات گۈللۈكلىرى تېخىمۇ ئەتىۋارلىق، گۈللىرى قىزىل، ئاق، جىگەر رەڭ ۋە سېرىق رەڭلەردە بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق.
مودەنگۈلنىڭ گۈل تۈسى (قىياپىتى) خىلمۇخىل ئۆزگەرگەن ھەم ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. گۈللىرى نېلۇپەرگە، ئاپتاپپەرەسكە، گۈلچىمەنگە ئوخشاش بولۇپ، كۆزنى چاقنىتىۋېتىدۇ؛ گۈل تاج ياپراقچىلىرى قىزىل لەۋلەرگە، قەلەم قاشلارغا، ئالتۇن تەڭگىچىلەرگە ئوخشاش ئاجايىپ چىرايلىق بولۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدۇ؛ رەڭلىك ھەم چىرايلىق گۈللىرى شاخ ئۇچىدا بولۇپ، بەزىلىرى ساڭگىلىغان، بەزىلىرى نازلىنىپ، بەزىلىرى ئىگىلگەن، بەزىلىرى تىك تۇرغان، ھالەتلىرى خىلمۇخىل، ئادەم قاراپ تويمايدۇ.
مودەنگۈلنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ناھايىتى كۈچلۈك، ئۆستۈرۈلىدىغان جايلار ناھايىتى كەڭ. تارىختا، قەدىمكى پايتەخت لوياڭدىكى مودەنگۈللەر ئەڭ كۆپ، ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئىككى ئەنئەنىۋى تۈرى بولغان: بىرى، سېرىق ئېچىلىدىغان «ياۋخۇاڭ» مودەنگۈلى؛ يەنە بىرى، بىنەپشەرەڭدە ئېچىلىدىغان «ۋىي زى» مودەنگۈلى بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ كەلگەن. «لوياڭ مودەنلىرىنىڭ تەڭدىشى يوق» دېگەن سۆز بار، مودەنگۈل ھازىر لوياڭ شەھىرىنىڭ شەھەر گۈلى قىلىپ بېكىتىلدى، ھەر يىلى15 - ئاپرېلدىن25 - ئاپرېلغىچە «لوياڭ مودەنگۈل يەرمەنكىسى» ئۆتكۈزۈش بەلگىلەندى. ھەر نۆۋەت يەرمەنكە مەزگىلىدە، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچىلەر توپلىشىپ، گۈللەر شاھىنى ئورتاق تاماشا قىلىشىدۇ.
بىئولوگىيە
ئېيىق تاپانلىقلار ئائىلىسىگە كىرىدۇ، يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. شېخى كۆپ ھەم توم، يوپۇرمىقى ئىككى قايتىلانغان، ئۈچ قۇلاقلىق مۇرەككەپ يوپۇرماق بولۇپ نۆۋەتلىشىپ ئۆسىدۇ، كىچىك يوپۇرمىقى كەڭ تۇخۇمسىمان ياكى تۇخۇمسىمان ئۇزۇن ئىللىپس شەكلىدە، ئۈچكە يېرىلىدۇ، تولۇق گىرۋەكلىكى ئاز ئۇچرايدۇ. گۈلى يالغۇز ئۆسىدۇ، باش ئەتىيازدا ئېچىلىدۇ؛ گۈل كاسىسى بەش بولۇپ ئاخىرىغىچە ساقلىنىدۇ، گۈلتاجى چوڭ، يالاڭ تاجلىق ۋە قوش تاجلىققا بۆلۈنىدۇ؛ گۈلتاجى ئادەتتە 5 - 10 تال بولۇپ، توق قىزىل، ئاق، بىنەپشە قاتارلىق رەڭلەردە بولىدۇ. ئىنتايىن چىرايلىق؛ ئاتىلىقى كۆپ، ئانىلىق ياپراقچىسى ئۈستىدە قىسقا يۇمشاق تۈكچىلەر زىچ ئۆسىدۇ، ئانىلىق ياپراقچىسىنىڭ ئەتراپىنى گۈل تەخسىسى ئوراپ خالتىسىمان ھالەتكە كەلگەن بولىدۇ. ئەسلى ماكانى جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال قىسمى بولۇپ، ھازىر ھەممە جايلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ. مودەنگۈل داڭلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۆستۈرۈلىدىغان سورتى كۆپ، بولۇپمۇ گۈلىنىڭ رەڭگى چىرايلىق بولغاچقا، گۈزەللىكتە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، شۇڭلاشقىمۇ ئۇنىڭ <گۈللەر شاھى> دېگەن نامى بار. خېنەننىڭ لوياڭ بىلەن شەندۇڭنىڭ ساۋجۇ (خېزى ناھىيىسى) دېگەن يېرىدىن چىقىدىغان مودەنگۈلى ئەڭ داڭلىق. ئۇنىڭ يىلتىز قوۋزىقى دورىغا ئىشلىتىلىدۇ، ھۆل ئىسسىقنى قايتۇرۇش، قايغان قاننى تارقىتىش، قان تۈكۈرۈشنى توختىتىش، يۇقىرى قىزىتمىنى ھەيدەش رولىنى ئوينايدۇ، دائىم ھەيزنى راۋانلاشتۇرۇش ۋە بەدەننى كۈچەيتىش رولىنى ئۆتەيدۇ. گۈلتاجى ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
مودەن + گۈل
ئىسىم
بوتانىكا
ئېيىقتاپان ئائىلىسىدىكى يوپۇرماق تاشلايدىغان چاتقال. داڭلىق مەنزىرە ئۆسۈملۈكىدۇر. يىلتىز پوستى دورا بولىدۇ. ئىسسىقنى ياندۇرۇش، قاننى جانلاندۇرۇش، ھەيزنى تەڭشەش روللىرىغا ئىگە.
شۇ خىل ئۆسۈملۈكنىڭ گۈلى.