Uyghur主要词典
مى ۋەنجى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
چىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدا ئۆتكەن ئىسلام ئۆلىماسى. ئۆزىنى پەيغەمبەر ئەۋلادى دەيدۇ. بېيجىڭلىق، خۇيزۇ. كىچىكىدە كۇڭزى تەلىماتىنى ئۆگىنىپ ئىسلام ئەقىدىسىدىن يىراقلىشىپ، بىر مەھەل گاڭگىراپ قالغان. كېيىن قۇرئان تىلاۋەت قىلىش نىيىتىگە كېلىپ، جايلاردىن ئۇستاز ئىزدەپ، چاڭ جىمېي، لى يەنلىننىڭ ئالدىغا بارغان. كاڭشىنىڭ 30 - يىلى (1691) خاڭجۇدا ئىسلام دىنىي ساھەسىدىكى ئەربابلار بىلەن تونۇشۇپ نۇرغۇن بىلىم ئالغان، <شەرىئەتنىڭ ئىخچام بايانى> نى يېزىپ، ئىسلام دىنىدىكى بەش پەرزنىڭ قائىدىلىرىنى كۇڭزى تەلىماتىنىڭ قائىدىسىگە سالدى.