Uyghur主要词典
مىھلىيا چاتقىلى
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
بوتانىكا
ماگنولىيە ئائىلىسىدىكى دائىم يېشىل تۇرىدىغان چاتقال. يوپۇرمىقى تېرىلەشكەن، سوقىچاق ياكى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك. گۈلى يالغۇز، تولۇق ئېچىلمايدۇ، رەڭگى سېرىق، سۆسۈن قىزىل، خۇشبۇي پۇراقلىق، مەنزىرە ئۆسۈملۈكى. ئۇنىڭدىن پۇراقلىق ماي ئاجرىتىپ ئېلىشقا بولىدۇ، ئادەتتە پەمىل چايغا ئارىلاشتۇرۇپ چاينىڭ پۇرىقىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ.