Uyghur主要词典
مۇختار قوزغىلىڭى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپى كۇفەدە ئۇمەييە سۇلالىسىغا قارشى قوزغىغان قوراللىق قوزغىڭلاڭ. ئىككىنچى قېتىملىق ئىچكى ئۇرۇشتا تائىفلىق مۇختار مەككىدىكى ئىبنى زۇبەير قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، كېيىن ھەزرىتى ئەلى جەمەتىگە تەسلىم بولغانىدى. كۇفەدە ھەزرىتى ئەلىنى ۋە خەلۋە بىننى جەئفەرنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بىننى ھەنەفىيەنى چاقىرىق قىلىپ، ئىمام مەھدى كېلىپ ئادالەتسىزلىكنى تۈگىتىپ، دۇنياغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانىقىنى تەشۋىق قىلدى ھەمدە جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادقا دائىر بىر قاتار تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرىغا قويدى. غەيرىي ئەرەب مۇسۇلمانلىرى بىلەن ئەرەب مۇسۇلمانلىرىنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن كەڭ قوللاشقا ئىگە بولدى. 685 - يىلى 10 - ئايدا كۇفەدە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئۇمەييە قوشۇنىنى بىر نەچچە قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، بۈگۈنكى ئىراقنى ۋە شەرقتىكى جايلارنى تېزلىك بىلەن ئىشغال قىلدى. كېيىن ئىچكى جەھەتتە پارچىلىنىپ، ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرى يۈز ئۆرۈدى. ئىبنى زۇبەھىرەنىڭ ئۇكىسى مۇسئەف بىننى زۇبەھىرەنىڭ قوشۇنى يوشۇرۇن ھۇجۇم قىلدى. 687 - يىلى 4 - ئايدا مۇختار شېھىت بولدى، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولدى. قالدۇق قوشۇن كەيسانىيە بولۇپ ئۆزگەردى.