Uyghur主要词典
مۇختار بىننى ئۇبەيدە بىننى مەسئۇد سەقەفى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
شىئە مەزھىپىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى داھىىسى. كەربالا پاجىئەسىدىن كېيىن، مۇختار بىننى ئۇبەيدە بىننى مەسئۇد سەقەفى كۇفەدە ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى مۇھەممەد بىننى ھەنەفىيەنىڭ مەھى ئىكەنلىكىنى، كېيىن ئوتتۇرىغا چىقىپ ئادالەتسىزلىكنى تۈگىتىپ، دۇنياغا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئۆزىنى مۇھەممەد بىننى ھەنەفىيەنىڭ ۋەكلى دەپ ئاتاپ، بىر قاتار ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي تەشەببۇسىلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەرەب مۇسۇلمانلىرى بىلەن مۇسۇلمان بولمىغان ئەرەبلەرنىڭ باراۋەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مەۋالىلار (يېڭى مۇسۇلمانلار) نىڭ قوللىشىغا ئىگە بولدى. 685 - يىلى 10 - ئايدا كۇفەدە ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئۇمەييە سۇلالىسىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئۇمەييە سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى بىر نەچچە قېتىم تارمار قىلىپ ئىراقنى ۋە شەرقتىكى جايلارنى ئىشغال قىلدى. كېيىن ئىچكى جەھەتتە بۆلۈنۈپ كەتتى، ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرى مۇختار بىننى ئۇبەيد بىننى مەسئۇد سەقەفىغا قارشى چىقتى. مۇختار بىننى ئۇبەيد بىننى مەسئۇد سەقەفى 687 - يىلى 3 - ئايدا ئابدۇللا بىننى زۇبەيرە قوشۇنىنىڭ يوشۇرۇن زەربىسىگە ئۇچراپ، شېھىت بولدى. قالغان ئادەملىرى كەيسانىيە ئېقىمى بولۇپ كەتتى.