Uyghur主要词典
مۇسلىم بىننى ھەججاج
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
مۇھەددىس. سۈننىي مەزھىپىدە ھۆرمەتلىنىدىغان ئالتە چوڭ ھەدىسلەر توپلىمىنى توپلىغان ئۆلىمالارنىڭ بىرى. خۇراساندىكى نەيسابۇردا دۇنياغا كېلىپ، شۇ رايوندا ئالەمدىن ئۆتتى. ئەينى يىللاردا ئەرەب يېرىم ئارىلى، مىسىر، سۈرىيە ۋە مىسۇپوتامىيە قاتارلىق جايلارنى ئايلاندى. بۇخارادا ئوقۇدى. ئىبنى ھەنبەلى ۋە شافىئىيىنىڭ شاگىرتى ھەرمالا (؟ - 857) قاتارلىق كىشىلەرنىڭ دەرسلىرىنى ئاڭلىدى. ھەر بىر ھەدىسكە بىر نەچچە رىۋايەت قىلغۇچىنى كۆرسەتتى. 300 مىڭدىن ئارتۇق ھەدىس توپلىدى. بۇلاردىن ئالتە مىڭدىن ئارتۇق (بەزىلەر تۆت مىڭدىن ئارتۇق دەيدۇ، بەزىلەر ئۈچ مىڭدىن ئارتۇق دەيدۇ) ئىشەنچلىك ھەدىسنى توپلاپ، 52 جىلدلىق <سەھىھۇل مۇسلىم> قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، فىقھە، تەرجىمىھالغا دائىر نۇرغۇن ئەسەرلەر يازغان بولسىمۇ، ئۇلار يوقىلىپ كەتتى.